دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك

دىيابېت بىمارلىرى كۆپرەك يېيىشكە تېگىشلىك يېمەكلىكلەر
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ ئاخبارات تورىۋاقتى:2023-05-29 12:48:39

07.png

1.پېدىگەن

پېدىگەن كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ تەركىبىدە سۇدا ئېرىشچان يېمەكلىك تالاسى ۋە تەبىئىي ۋىتامىن E بىر قەدەر كۆپ، پېدىگەننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئاكتىپلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، بەدەندىكى ئەركىن رادىكالىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئۈنۈملۈك يوقىتىپ، قارا پىگمېنتنىڭ تېرە ئاستىدىكى قالدۇقىنى ئازايتىپ، تېرىنى ئاقارتىش، گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

پېدىگەن تەركىبىدىكى تەبىئىي ۋىتامىن P پۈتۈن بەدەندىكى قاننىڭ ئېقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قىل قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى قىل قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، پېدىگەن تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار خولېستېرىن ۋە ترىگلىتسېرىدنىڭ قان تومۇرلارغا چۆكۈشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشى ۋە قوزغىلىشىنى ياخشىلاپ، قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

08.png

2. ئاچچىق قارا بۇغداي (苦荞)

ئاچچىق قارا بۇغداي بىر خىل ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىسى بولۇپ، ئاچچىق قارا بۇغداي تەركىبىدە نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، تەتقىقات ئارقىلىق بايقىلىشىچە، بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرىنى قوغداش رولى بار بولۇپ، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇ ئارقىلىق يېڭى ئاشقازان ئاستى بېزى ھۈجەيرىلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كونا ھۈجەيرىلەرنىڭ يوقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە غىدىقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ قان شېكىرى سەۋىيەسى تۆۋەنلەيدۇ.

10.png

3. ئوسۇڭ

ئوسۇڭنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئوسۇڭ تەركىبىدىكى تۇز كىسلاتاسى، ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسى قاتارلىقلار ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى ھۈجەيرىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلما ۋە ئەزالارنى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش مېخانىزمىغا يەتكۈزىدىكەن، شۇڭا دىيابېت بىمارلىرى ئوسۇڭنى كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدىكەن.

11.png

4. پىياز

پىياز كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىك بولۇپ، دائىم تەم تەڭشىگۈچ ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ، پىيازنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى ناھايىتى كۈچلۈك، پىياز تەركىبىدىكى پىياز ماددىسى پۈتۈن بەدەندىكى قاننىڭ ئېقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان تومۇر دىۋارىنىڭ بېسىمى ۋە يۈكىنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەندىكى ئىنسۇلىننىڭ سىنتېزلىنىشى ۋە ئاجرىلىشىنى غىدىقلاپ، قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ.

12.png

پىياز تەركىبىدىكى پىروستاگلاندىن a يەنە قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قاندىكى ماينى تەڭشەپ، قان نوكچىسى شەكىللىنىش ۋە ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۇقىرى قان شېكىرى بىمارلىرى ھەر كۈنى ئىككى تال پىياز يەپ بەرسە بولىدۇ، بىر مەزگىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، قان شېكىرى ئاستا-ئاستا تۇراقلىشىدۇ.

13.png

5. پىستە (开心果)

پىستە بىر خىل خۇش پۇراق يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ياغ، بولۇپمۇ ئامىنو كىسلاتاسى ۋە مىنېرال ماددىلار مول بولۇپ، ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرىنى غىدىقلاپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولىنى ئويناپ، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، دىيابېت بىمارلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا پىستە يېيىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز، لېكىن بەك كۆپ يېمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك، كۆپ يېسە خولېستېرىننىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. پىچەكگۈل

پىچەكگۈلنىڭ يەنە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار، پىچەكگۈل تەركىبىدىكى يېپىشقاق ماددا يېپىشقاق ئاقسىلدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ خىل ماددا بەدەندىكى شېكەرنى سۈمۈرۈپ، قان شېكىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشىنى تورمۇزلايدۇ، ئىنسۇلىننىڭ زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىپ، قان شېكىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەڭشەيدۇ، پىچەكگۈل تەركىبىدە ماگنىي، سىنك ۋە ھەر خىل ۋىتامىنلار بار بولۇپ، قاندىكى گىلۇكوزىنىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شېكەرنىڭ قاندا يىغىلىپ قالماسلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

7. كۈزلۈك ئاپتاپپەرەس

كۈزلۈك ئاپتاپپەرەس قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش مېخانىزمىغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ، ئاساسلىقى ئۇنىڭ تەركىبىدە مول يېمەكلىك تالاسى بار بولۇپ، ياغنى ئوراپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، ياغنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئۈنۈملۈك توسىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، سېرىق ئاپتاپپەرەسنى «تەبىئىي ئىنسۇلىن» دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئۇ كىراخمالنىڭ پارچىلىنىشى ۋە بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىگە مەسئۇل بولغان دىساخارىدلىق ئاقسىلنىڭ ئىقتىدارىنى توسۇپ، تېخىمۇ ياخشى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى ئېلىپ كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش