دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك

سىز ساغلام دەپ قارىغان بۇ 16 خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى ئەمەلىيەتتە ئۇنچە ساغلام ئەمەس (1)
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇت-شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-01-28 12:45:20

 «تاماقتىن كېيىن قېتىق ئىچىپ تاماق سىڭدۈرۈش»، «قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولسا تۇخۇم سېرىقى يېيىشكە بولمايدۇ»، «ئۇماچ ئىچسە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ»... تولا ئاڭلاپ ياد بولۇپ كەتكەن بۇ «كۈتۈنۈش تەكلىپلىرى»نى ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىڭىز ئىزچىل مۇشۇنداق تەكىتلەۋاتقاندەك ھېس قىلامسىز قانداق.

 ھازىر سىزگە شۇنى دەپ قوياي، سىز ساغلام دەپ قارىغان بۇ تۇرمۇش ئۇسۇللىرى ئەمەلىيەتتە ئۇنچە ساغلام ئەمەس، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزدى!

 ساغلام ئوزۇقلىنىش قىسمى

 1. تاماقتىن كېيىن قېتىق ئىچىپ تاماق سىڭدۈرۈش

 ھەقىقىي ئەھۋال: تاماق سىڭدۈرمەيدۇ، يەنە ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ

 ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى لى يۈەنيۈەن 2015- يىلى ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشى تاماقتىن كېيىن قېتىق ياكى سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى ئىچىملىكى ئىچسە، تاماق سىڭدۈرۈپ ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، تويغاندىن كېيىن ئىچسە، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولى چوڭ بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قېتىق تەركىبىدىكى ئاقسىل قاتارلىق تەركىبلەر ئوخشاشلا ئاشقازاندا دەسلەپكى قەدەمدە ھەزىم قىلىنىشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، يەنە ئارتۇقچە ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

 

2. قارا ئاشلىق تالقىنى ئىچسە تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ

 ھەقىقىي ئەھۋال: بەش خىل قارا ئاشلىق قانچە ئاز پىششىقلانسا شۇنچە ياخشى

 چىڭخۇا داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋاڭ يۈمېي 2014- يىلى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بەش خىل قارا ئاشلىقنى ئېزىپ تالقان ياكى ئۇماچ قىلىپ ئىستېمال قىلغاندا، قارا ئاشلىق چوڭ دانچىدىن كىچىك دانچىغا ئايلىنىپ، ئاسان ھەزىم بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ، لېكىن سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، دىيابېت ئاغرىقلىرى قارا ئاشلىق تالقىنىنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئاسانلا قان شېكىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە ئاز مىقداردا ماي بولغاچقا، ئۇنى تالقان قىلغاندىن كېيىن، ھاۋادىكى ئوكسىگېن بىلەن ئۇچرىشىش كۆلىمى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ناھايىتى ئاسانلا ئوكسىدلىنىدۇ. ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپلا قالماي، يەنە سالامەتلىككە پايدىسىز ماددىلارنى پەيدا قىلىدۇ.

 ئامال بار بەش خىل قارا ئاشلىقنى كۆپرەك يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، قانچە ئاز پىششىقلانسا شۇنچە ياخشى.

 3. مايسىز غىزالىنىش گۆشسىز تاماق يېيىش، گۆشنى ئاز يېيىش دېگەنلىك!

 ھەقىقىي ئەھۋال: تەم سۇس بولۇش

 «ئۈچ يۇقىرى» ئاغرىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دوختۇرلار مايسىز غىزالىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، لېكىن بۇ گۆشسىز تاماق يېمەسلىكتىن، بېلىق، گۆش، تۇخۇم يېمەسلىكتىن، سۈت ئىچمەسلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ.

 راكېتا قىسمى ئۆزگىچە مېدىتسىنا مەركىزى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى چۈەنمىن 2019- يىلىدىكى ماقالىسىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مايسىز غىزالىنىش ئۆلچىمى ماي، تۇز، شېكەر ئاز بولۇشتىن ئىبارەت. «گۆش» ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ كېلىش مەنبەسى، شۇنداقلاB گۇرۇپپىسىدىكى ۋىتامىنلار ۋە مۇھىم مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ كېلىش مەنبەسى. مەسىلەن، بېلىق، راك ۋە تېرىسى ئېلىۋېتىلگەن ئۆي قۇشلىرىنىڭ گۆشى يۇقىرى ئاقسىللىق، تۆۋەن مايلىق گۆش تۈرىگە تەۋە بولۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

 4. ئۇماچ ئىچسە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ

 ھەقىقىي ئەھۋال: ئاشقازان ئىقتىدارى «ئىشلەتسە كۈچىيىدۇ، ئىشلەتمىسە چېكىنىدۇ»

 تېرىق ئۇمىچى ئىچىپ، گۆشسىز تاماقنى كۆپ يەپ، گۆشنى ئاز يېيىش... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقالغان «ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ئەتىۋارلىق كىتابى». ئەمما بۇنداق قىلىش راستىنلا ئاشقازانغا پايدىلىقمۇ؟

 ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى 1- مېدىتسىنا مەركىزى ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لىڭخۇ ئېنچياڭ 2018- يىلى بىر پائالىيەتتە مۇنداق دېدى: كەڭ تارقالغان نۇرغۇن «ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش مەخپىي كىتابى»نىڭمۇ ماس كەلمەيدىغان جايلىرى بار، مەسىلەن، ئاشقازان يارىسى بىمارلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، سۈت ئىچكەندىن كېيىن كالتسىي ئىيونىنىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئەكسىچە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۆپەيتىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە بولغان زىيىنىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ؛ سودا پىرەنىكى تەركىبىدىكى ماي مىقدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ناترىي مىقدارىمۇ تۆۋەن ئەمەس، زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ؛ ئاق ئۇماچ، تېرىق ئۇمىچى دائىم ئۇچرايدىغان ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان «ياخشى رېتسېپ»، لېكىن ئاشقازان ئىقتىدارى «ئىشلەتسە كۈچىيىدىغان، ئىشلەتمىسە چېكىنىدىغان» ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇزاق مۇددەت ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىپ كېتىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش