كۈنجۈت، كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس؛ قەدىمدىن تارتىپ، خەلق ئارىسىدا كۈنجۈتنىڭ چاچ قارايتىش رولى بار ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلار بولۇپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە، كىچىككىنە كۈنجۈتنىڭ بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئۈنۈملىرى بار...
سۆڭەكنى ساغلاملاشتۇرۇپ كالتسىي تولۇقلاش
قارا كۈنجۈتنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى، كالا سۈتىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ؛ شۇڭا، مۇۋاپىق تۈردە قارا كۈنجۈت ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، سۆڭەك شالاڭشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كالتسىي تەركىبىدە ماگنىي ماددىسى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كالتسىينى سۈمۈرىشىگە پايدىلىق.
ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈپ تىرىنى ياخشىلاش
قارا كۈنجۈت تەركىبىدە ۋىتامىن Eمول بولۇپ، ھەر 100گىرام تەركىبىدىكى ۋىتامىن Eنىڭ مىقدارى 50مىللىگىرامغا يىتىدۇ. ۋىتامىن Eبولسا ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى بولۇپ، بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى ئۈنۈملۈك تازىلاپ، بۇ ئارقىلىق ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ۋە قېرىشنى ئاستىلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
يۈرەك مېڭە قان تومۇرلىرى كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
قارا كۈنجۈت تەركىبىدە زور مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى بار بولۇپ، قان سۇيۇقلۇقىدىكى خولستىرىننى تۆۋەنلىتىش، ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق يۈرەك مېڭە قان تومۇرلىرى كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ
قارا كۈنجۈت تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتالار، ۋىتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار قاتارلىقلارنىڭ بەدەننىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار بولۇپ، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى ھەيدەپ، ئىممونت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.