دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك

ياڭاق يېيىشنىڭ بەش چوڭ پايدىسى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-15 10:50:29

كۆپچىلىكنىڭ ياڭاق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، چۈنكى ياڭاقنىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول، بولۇپمۇ ئاقسىل مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، شۇڭا ياڭاق يېيىشنىڭ پايدىسى كۆپ.

ياڭاقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، مىنېرال ماددا ۋە ۋىتامىنلار مول. ھەر 100 گىرام ياڭاقتا 15.4 گىرام ئاقسىل، 63 گىرام ياغ، 10.7 گىرام كاربون گىدراتلار، 108 مىللىگىرام كالتسىي، 329 مىللىگىرام فوسفور، 3.2 مىللىگىرام تۆمۈر بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋىتامىن B، ۋىتامىن E قاتارلىقلارمۇ مول.

ياڭاق مېغىزىنىڭ ئارتېرىيە قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ياڭاق يەنە ئىنسۇلىنغا تايانمايدىغان دىيابېت كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، ياڭاقنىڭ راك كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن يەنە ئاغرىق توختىتىش، ئاق قان ھۈجەيرىسىنى ياخشىلاش ۋە جىگەرنى ئاسراش رولى بار.ئۇنىڭدىن باشقا دائىم ياڭاق يېيىشنىڭ بەش خىل پايدىسى بار:

1. قۇۋۋەت ۋە قان تولۇقلايدۇ

ياڭاقنىڭ جۇڭيى دورىلىق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، جۇڭيى تېبابىتىدە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. جۇڭيى دورىلىرى قامۇسىدا ياڭاق تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، زەھەرسىز دورا ھېسابلىنىدۇ. ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، قان تولۇقلاش، ئۆپكىنى سىلىقلاش قاتارلىق كۈتۈنۈش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ دۆلىتىمىزدە ياڭاقتىن پايدىلىنىش خاتىرىلەنگەن نۇرغۇن تېببىي قامۇسلار بار. دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسىدا خاتىرىلىنىشىچە، ياڭاقنىڭ بەلغەمنى بوشىتىش ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاپ، قان تولۇقلاش ئۈنۈمى بار ئىكەن، يەنە سوغۇقتىن بولغان يۆتەل، بەل-پۇت ئېغىرلىقى، يەنە يۈرەك، قورساق ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدىكەن.

2. مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ

ھەر كۈنى بىر تال ياڭاق يەپ بەرگەندە، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردىمى بولىدىكەن. چۈنكى ياڭاق تەركىبىدە كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

11.png

3. ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، قېرىشقا قارشى تۇرۇش

ياڭاق تەركىبىدە زىغىر يېغى كىسلاتاسى ۋە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق تەركىبلەر بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك تېرە گۈزەللەشتۈرۈش دورىسى ھېسابلىنىدۇ، دائىم ئىستېمال قىلغاندا تېرىنى سىلىقلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياڭاق تەركىبىدە ۋىتامىن E بار بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنى ئەركىن رادىكاللارنىڭ ئوكسىدلىنىشىدىن ساقلايدۇ، شۇڭا دائىم يەپ بەرگەندە ھۆسن گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ.

مۇۋاپىق مىقداردا ياڭاق يەپ بەرگەندە ئادەم بەدىنى مول ۋىتامىن e ۋە كۆپ مىقداردا فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلارنى قوبۇل قىلىدۇ، بۇ ماددىلارنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئەركىن رادىكاللارنىڭ سانىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، شۇڭا ياڭاق يېيىشنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى بار.

4. يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ

ياڭاق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، بۇ خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى قاندىكى خولېستېرىننىڭ قويۇقلۇقىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياڭاقنىڭ تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن e بار، بۇ خىل تەركىب يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ.

5. ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش

ياڭاقتا ياغ نىسبەتەن مول بولۇپ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئۈچەينى سىلىقلاش رولىنى ئوينايدۇ. ئۈچەي يولىنىڭ ساغلام لۆمۈلدىشى ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇنداق بولغاندا قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. بولۇپمۇ بەزى ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرىدىغان كىشىلەر ياڭاق يېسە ئۈچەينى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش