ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك
1. ئالما: تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى ماينى ئېرىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. سوغۇقتىن قورقىدىغانلار ئالمىنى ئازراق ئىسسىتىپ يېسە بولىدۇ.
2. پەمىدۇر: مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، پەمىدۇرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاساسەن ئوخشاش. پەمىدۇر تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، پەمىدۇر يەپ بەرسە ئاشقازاننى تازىلاپ، ماينى ئېرىتىدۇ.
3. سەۋزە: سەۋزە «كۆپ ئىقتىدارلىق كۆكتات» بولۇپ، گۆش ۋە باشقا كۆكتاتلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ يېسە ناھايىتى ياخشى، ماينى ئېرىتىپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەۋزىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا β-كاروتىن بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
4. دولانا: يېڭى دولانا تەركىبىدە ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە ناھايىتى ياخشى بولغان ماينى ئېرىتىش رولى بار.
5. سۇلۇ يارمىسى: سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مول، يەنە B تۈردىكى ۋىتامىنلار ۋە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق تەركىبلەر بىرقەدەر كۆپ. سۇلۇ يىرىك تالالىق يېمەكلىككە تەۋە بولۇپ، ئۇنى ئاساسلىق يېمەكلىك ئورنىدا يېيىشكە بولىدۇ، بىر قاچا تەملىك سۇلۇ ئۇمىچى ئىچىپ بەرسە، ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
6. كەرەپشە: كەرەپشە تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بىر قەدەر كۈچلۈك. گۆشسىز قورۇلغان كەرەپشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئۇ كەرەپشىنىڭ ئەسلى تەمى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلايدۇ، تەمى سۇس، تەملىك بولۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش، ماينى ئېرىتىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.
7. لىمون سۈيى: لىمون تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولۇپ، لىموندىن بىر نەچچە پارچە كېسىپ، سۇغا چىلاپ ئىچسە، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.
8. كۆممىقوناق: كۆممىقوناقنىڭ تەركىبىدە مول يىرىك تالا بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچەي دىۋارىنى غىدىقلاپ، چوڭ تەرەت ۋە ئۈچەيدىكى باشقا مېتابولىزم تاشلاندۇقلىرىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ، ئۇ ئۈچەي تازىلاش ماھىرى.
9. تەرخەمەك: تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، يېگەندە چۈرۈك ھەم يېيىشلىك، ئورۇقلىتىش ۋە ھارغىنلىقنى تۈگىتىش رولى ئىنتايىن ياخشى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش