دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك

​كەچلىك تاماق يېمىسە ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟ ياكى «سۇ ئىچسىمۇ سەمرىپ كېتىدىغان» بەدەن سۈپىتى شەكىللەندۈرۈپ قويامدۇ؟
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇت-شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-06 12:35:10

نۇرغۇن ئايال ئورۇقلاشنى كەچلىك تاماق يېمەسلىكتىن باشلايدۇ، لېكىن بۇنداق ئۇسۇل راستتىنلا ساغلاممۇ؟ «ئۇزاق مۇددەت كەچلىك تاماق يېمىسىڭىز، ئاقسىل يېتىشمىگەنلىكتىن تېرىڭىز بوشاپ قېرىپ كېتىسىز، ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلىكتىن چېچىڭىز چۈشۈپ كېتىدۇ، دائىم ئاشقازان كېسىلىڭىزنى كۆرسىتىش سەۋەبىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان، ئۈچەي دوختۇرلىرى بىلەن تونۇشۇۋالىسىز... » يېقىندا، توردىكى «ئۇزاق مۇددەت كەچلىك تاماق يېمىگەن ئادەملەر قانداق بولۇپ كەتتى» دېگەن بۇ سىن قىزىپ كەتتى.

 دەرۋەقە، بەزىدە بىر- ئىككى ۋاق تاماق يېمىگەندە سالامەتلىككە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت كەچلىك تاماق يېمىگەندە، ئالدى بىلەن ئاشقازان زەخىملىنىدۇ. چۈنكى، كەچلىك تاماق يېمىگەندە، ئاشقازان ئۇزۇن ۋاقىت بوش ھالەتتە تۇرغاچقا، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشى زىيادە كۆپ بولۇپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش ئىقتىدارىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، كىسلاتا ئېشىپ كېتىش، ئاشقازان ئاغرىش، مەيدە ئېچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەردىن باشقا، يەنە ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان شىللىق پەردىسى شەلۋەرەش قاتارلىق ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇزاق ۋاقىت ئاچ قورساق تۇرغاندا، ئۆت خالتىسى قۇرۇقدىلىنىپ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خولېستېرىننىڭ قويۇقلۇقى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، كىرىستاللىشىپ ئۆت خالتىسىدا ساقلىنىپ قېلىپ، ئاسانلا ئۆتكە تاش چۈشۈش ياكى ئۆت خالتىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 بەزى كىشىلەر ئۇزاق مۇددەت كەچلىك تاماق يېمىسە، ئاشقازىنى بۇنداق ھالەتكە بەرداشلىق بېرەلىشى مۇمكىن، لېكىن قۇۋۋەت يېتىشمەي، ئاسانلا باش قېيىش، قان شېكىرى تۆۋەنلەش، قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، يەنە ئۇيقۇسىزلىق، چاچ چۈشۈش، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش قاتارلىق بىر قاتار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئۇزاق مۇددەت كەچلىك تاماق يېمىسە ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېلىپ چىقىدۇ.

 يەنە بەزى ياش ئاياللار تېخىمۇ زىلۋا بولۇش ئۈچۈن، ھەر كۈنى پەقەت مېۋە ياكى كۆكتاتلا يەيدۇ، لېكىن بۇ سالامەتلىككە زور زىيان يەتكۈزىدۇ. مەن ئىلگىرى ئامبۇلاتورىيەدە بەكلا تاماق يېمەي ئورۇقلىغان بىر ئايالنى ئۇچراتقانىدىم، ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن بۇ ئايالدا تۇخۇمدان ئىقتىدارى بالدۇر قېرىش، پۇت- قولى مۇزلاش، ماغدۇرسىزلىنىش، تەرلەش، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچارلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنىكەن.

 ئۇنىڭدىن باشقا، چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ تاماق يېمىگەندە، ئاشقازاننىڭ قۇرۇقدىلىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزاق بولۇپ، جىگەردە ساقلانغان گىلىكوگېن زور مىقداردا ئازىيىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئورگانىزم مۇسكۇلدىكى ئاقسىلنى خورىتىپ، ئۇنى قان شېكىرىگە ئايلاندۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى مېتابولىزم سەۋىيەسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ، ئورۇقلىيالمايلا قالماي، يەنە «سۇ ئىچسىمۇ سەمرىپ كېتىش»تەك ئاسان سەمرىپ كېتىدىغان بەدەن سۈپىتى شەكىللىنىپ، ئورۇقلىماستىن، ئەكسىچە سەمرىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇ كىشىلەر تۇيۇقسىز كەچلىك تاماق يېيىشنى ئەسلىگە كەلتۈرسە، بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر خۇددى سولىشىپ قالغان گۈلدەك پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوزۇقلۇق سۈمۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەن ئېغىرلىقىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ساغلام ئورۇقلاش ئۈچۈن يېمەك- ئىچمەك، تۇرمۇش ئادىتى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قاتارلىق جەھەتلەردە بىردەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش