دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك

كىشمىش يېگەنلىك شېكەر يېگەنگە باراۋەر بولامدۇ؟ سىزنىڭ كىشمىشكە بولغان خاتا چۈشەنچىڭىزنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ (3)
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇت-شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-05 13:14:41

كىشمىشنىڭ ساغلام يېمەكلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ تۆتىنچىسى:

 مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ

 تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر كۈنى 20 گىرامدىن ئارتۇق ئارىلاشما مېۋە قېقى ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەر توپىنى مېۋە قېقى قوبۇل قىلىشى نىسبەتەن ئاز بولغانلار كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى، ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى، BMI ھەم بەل ئايلانمىسى ئەكسىچە كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن. ھەر خىل ئارىلاشما ئامىللارنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، مېۋە قېقىنى كۆپ يەيدىغان كىشىلەرنى مېۋە قېقىنى يېمەيدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ۋىتامىن ۋە مېنېرال ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، يېمەكلىك تالاسى بىر قەدەر مول بولىدىغانلىقى، ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن، سېمىز ھەم قورسىقى يوغان كىشىلەرنىڭ سانى ۋە نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىغانلىقى بايقالغان.

 نورمىدىن ئارتۇق مېۋە قېقى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىسسىقلىق مىقدارى ئۆرلەيدۇ، كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى بىلەن تەمىنلەشمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن ئاسان سەمرىپ كەتمەيدۇ؟

 بۇ بەلكىم تاتلىق تەملىك مېۋە قېقى يېگەندىن كېيىن، بىڭگەن، تاتلىق يېمەكلىك قاتارلىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يېگۈسى كەلمىگەنلىكىدىن بولسا كېرەك، مېۋە قېقى بىلەن بۇ يېمەكلىكلەرنى سېلىشتۇرغاندا، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ زىچلىقى تېخىمۇ يۇقىرى، ساغلاملىق تەركىبىمۇ تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. تەكشۈرۈشتە بايقالغاندەك، مۇۋاپىق مىقداردا قاتتىق پوستلۇق مېۋە يەيدىغان ئادەم قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېمەيدىغان ئادەمگە قارىغاندا سەمرىپ كەتمەيدىكەن.

 كىشمىشنىڭ ساغلام يېمەكلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ بەشىنچىسى:

 تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئوخشاش چىشقا زىيانلىق ئەمەس

 چىش كېسەللىكلىرى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، چىشنى نورمال چوتكىلاپ ئېغىزنى چايقاش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ھەر كۈنى بىر سىقىم كىشمىش يەپ بەرسە، چىشنى تاتلىق يېمەكلىك يېگەندەك زەخىملەندۈرمەيدىكەن.

 كىشمىش تەركىبىدە ساخاروزا ناھايىتى ئاز بولۇپ، مېۋە شېكىرى ۋە گىلۇكوزىنىڭ چىش يۈزىگە يېپىشىۋېلىش ۋاقتى قىسقا، ئۇنىڭدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبلەرنىڭ باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بار، شۇڭا كىشمىش يېگەندىن كېيىن چىش يۈزىنىڭ pH قىممىتى كۆپ تۆۋەنلەپ كېتىپ، چىش ئېمال ماددىسىغا زىيان يەتكۈزۈش دەرىجىسىگە يەتمەيدۇ.

 ئەلۋەتتە، ھەربىر خىل يېمەكلىكنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق مۇۋاپىق مىقدارى بولىدۇ. ئەگەر مېۋە قېقىنى بەك كۆپ يەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا كاربونلۇق يېمەكلىكلەرنى يېمىسە ياكى باشقا يېمەكلىكلەرنى ئاز يەپ، پەقەت كۆپ مىقداردىكى كىشمىشلا يېسە، ئوخشاشلا ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىغا پايدىسىز بولۇپ، ئوخشاشلا سەمرىپ كېتىدۇ ياكى سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ.

 ئۇنداقتا زادى قانچىلىك كىشمىش يېسە ياخشى بولىدۇ؟ ماتېرىياللاردىكى سانىغا ئاساسلانغاندا، ھەر ھەپتىدە 160 گىرام يېسە ساغلاملىق ئۈنۈم ئېففېكتى بولىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 23 گىرام بولىدۇ. ئەگەر مېۋىنى ھەر كۈنى 200 گىرام يېيىشكە بولسا، ئۇنداقتا 23 ~ 25 گىرام مىقدار بويىچە كىشمىش ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ؛ ئەگەر ئادەتتە مېۋە ئازراق ئىستېمال قىلىنسا، يەنە ئازراق كىشمىش ئىستېمال قىلىشنى كۆپەيتىپ، 30 ~ 40 گىرامغىچە ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ سان يەنە باشقا مېۋە قاقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كىشمىش، قۇرۇق چىلان، ئۆرۈك قېقى، ئەنجۈر قېقى، ئەينۇلا قېقى، شىبىڭ، ئالقات قېقى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش