دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك

​كىشمىش يېگەنلىك شېكەر يېگەنگە باراۋەر بولامدۇ؟ سىزنىڭ كىشمىشكە بولغان خاتا چۈشەنچىڭىزنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ (2)
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇت-شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-02 12:22:06

كىشمىشنىڭ ساغلام يېمەكلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ئىككىنچىسى:

 ئوتتۇرا GI يېمەكلىكىگە تەۋە بولۇپ، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋەتمەيدۇ

 كىشمىش بىر خىل ئوتتۇرا، تۆۋەن GI (قان شېكىرىنىڭ شەكىللىنىش كۆرسەتكۈچى) يېمەكلىكى بولۇپ، كىشمىشنى بىر قىسىم گۈرۈچ تامىقى قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىدا يېگەندە، قان شېكىرىنىڭ بەكرەك ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم مېۋە شەربىتى ئىچىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم كىشمىش يېگەندە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن.

 تەتقىقاتچىلار ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن سېمىزلەر ۋە دىئابېت ئاغرىقلىرىغا ئەنئەنىۋى ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلەر (پىرەنىك، چۈچى قاتارلىقلار، 300 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارى بار)نىڭ ئورنىغا ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم تاماقتىن ئىلگىرى بىر بولاق 28 گىرام قېنىق رەڭلىك كىشمىش (ئومۇمىي مىقدارى 84 گىرام، تەخمىنەن 270 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارى بار) يېگۈزگەن. 12 ھەپتىدىن كېيىن، ئىككى گۇرۇپپا سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئىنسۇلىن سەۋىيەسىدە پەرق بولمىغان، لېكىن كىشمىش گۇرۇپپىسىنىڭ شېكەرلەشكەن ھېموگلوبىن سەۋىيەسى ۋە تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرى سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، بۇ، ئىنسۇلىن سەزگۈرلۈكىنىڭ ئاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. دىئابېت ئاغرىقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، ئاچ قورساق ھالەتتىكى قان شېكىرىنىڭ تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى بايقىغان.

 ساغلام كىشىلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردىنمۇ بايقىلىشىچە، يېرىم قاچا گاڭپەننىڭ ئورنىدا تەركىبىدە 25 گىرام كاربون- سۇ بىرىكمىسى بولغان كىشمىش يېگەندە، تاماقتىن كېيىن قان شېكىرى ئۆرلىمىگەن، ئەڭ يۇقىرى قىممەتتىكى قان شېكىرىنىڭ قويۇقلۇقى ۋە قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇش دائىرىسى گاڭپەن بىلەن ئوخشاش بولغان.

كىشمىشنىڭ ساغلام يېمەكلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ئۈچىنچىسى:

قان بېسىمى ۋە قاندىكى ياغقا پايدىلىق

كىشمىش كالىي، ماگنىي ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى كۆپ خىل تەركىبلەرنىڭ ياخشى مەنبەسى، يەنە تەركىبىدە ئولىگو ساخارىد ۋە پېكتىن مول. شۇڭا، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق. تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 160 گىرام كىشمىش يېگەندە، يۇقىرى قان بېسىم خەۋپى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.

  يەنە تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، كىشمىشنى پېچىنە، تورت قاتارلىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىدا يېگەندە قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش