دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ساياھەت

ئاقسۇ ئەتىيازلىق سەرخىل ساياھەت لىنىيەسىدىن بىر نەچچىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-03-26 10:35:32

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن جياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ پېيلەن) يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئەتىيازلىق سەرخىل ساياھەت لىنىيەسىدىن بىر نەچچىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ لىنىيەلەر چېچەك سەيلىسى، قىزىل ساياھەت، دۇنيا مەدەنىيەت مىراس ئورنى ساياھىتى، دۇنيا تەبىئىي مىراس ئورنى ساياھىتى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئاقسۇنىڭ ئۆزگىچە باھار مەنزىرىسىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

ھەممە يەرنى باھار مەنزىرىسى قاپلىغان باي ناھىيەسى ئونباش يېزىسىنىڭ ئاۋات كەنتىدىكى ئۆرۈكلۈك باغ.

باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

  3-ئاي كىرىشى بىلەن، ئاقسۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرى يېشىللىققا پۈركىنىپ، چېچەكلەر بەس-بەستە ئېچىلىپ، باھارغا قەدەم تاشلاپ، چېچەك سەيلىسى قىلىشنىڭ دەل پەيتى يېتىپ كەلدى. «بۇ يىل ئەتىيازدىكى باھارغا قەدەم تاشلاپ چېچەك سەيلىسى قىلىش ساياھىتىدە، بىز ئۆرۈك چېچىكى نەچچە يۈز چاقىرىمغا سوزۇلغان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتباش يېزىسى ئۆرۈك چېچىكى كەنتى، «جۇڭگو ئاق ئۆرۈك يۇرتى» كۇچا شەھىرى، چېچەك سەيلىسى، مەززىلىك تائام، ئائىلىۋى مېھمانخانا قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان كەلپىن سېرىق ئۆرۈكلۈك مەنزىرە رايونى، بەرگىلىرى ئاق، غۇنچىسى سېرىق كېلىدىغان ئاپئاق ئالما چېچەكلىرىگە تولغان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خۇڭچىپو تەۋەلىك رايونى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرىمىز». ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئالىم ئېزىز شۇنداق دېدى: «بۇ يىل ئەتىيازدا بىز يەنە 6-نۆۋەتلىك يېزا-كەنت مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىمىز، بۇ، كەلپىن ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى، ئاقسۇ شەھىرى نەشپۈت چېچىكى بايرىمى، توقسۇ ناھىيەسى يىڭخۇا گۈلى بايرىمى، ئونسۇ ناھىيەسى 10 مىڭ مولۇق يېشىل ئورمانلىقتا ۋېلىسىپىت مىنىش ئېكولوگىيە بايرىمى قاتارلىق ئەتىيازلىق خاس مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چېچەكنى ۋاسىتە قىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەتىيازلىق ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلايمىز».

ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىنىڭ باھار مەنزىرىسى.

ئاۋات ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

  بۇ يىل چېچەك سەيلىسى پەسلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى يەنە «باھارنى ئىزدەش، چېچەك سەيلىسى قىلىش ئىستراتېگىيەسى» ۋە «باھارغا قەدەم قويۇشتىكى ياخشى جاي Top10»نى يولغا قويۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ چېچەك سەيلىسى ئورنى، چېچەك سەيلىسى مەزگىلى، چېچەك سەيلىسى باش تېما پائالىيىتى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي كۆرسىتىپ، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقتى، ئورۇننى ئەركىن تاللىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، ئونسۇ ناھىيەسى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى . تاغلاق كەنتى، توقسۇ ناھىيەسى قۇملۇق گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى، باي ناھىيەسى كانچى سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونى، ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى، كەلپىن ناھىيەسى ئۆرۈك چېچىكى كەنتى مەنزىرە رايونى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئۆرۈك چېچىكى كەنتى مەنزىرە رايونى، شايار ناھىيەسى گۈلباغ بازىرى ئوتتۇراكۆل داشى كەنتى، ئونسۇ ناھىيەسى جىنخۇا يېڭى كەنتى، شايار ناھىيەسى قايلور بازىرى ئىگەرچى كەنتىدىن ئىبارەت باھار سەيلىسى قىلىدىغان 10 جاينى تەۋسىيە قىلدى.

 ئونسۇ تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى تاغلاق كەنتىگە باھار كەلدى.

ئونسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو -تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

  ئالىم ئېزىز مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاقسۇ ۋىلايىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئەتىيازلىق سەرخىل ساياھەت لىنىيەسىدىن يەنە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى ئورنىدا سىر ئېچىش سەپىرى، قىزىل مىڭئۆي، قىزىلقاغا تۇرى، سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى قاتارلىق دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى ئورنىدىن ئۈچى بار؛ دۇنيا تەبىئىي مىراس ئورنى ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتىدە، ساياھەتچىلەر دۇنيا تەبىئىي مىراس يېرى تىيانشاندىكى ئەڭ ئېگىز چوققا تۆمۈر چوققىسى، تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى چوڭ جىلغىسى، تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسى، ئونسۇ ناھىيەسى تىيانشان شېنمۇ باغچىسى، تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى . تاغلاق كەنتى، پاقىلىق مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنى ساياھەت قىلالايدۇ؛ كۆكيار روھىنى ھېس قىلىش سەپىرىدە، ساياھەتچىلەرگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت بايلىقىنى قوغداش كومىتېتى تەرىپىدىن «دۇنيادىكى 500 گۈزەل مۇھىتنىڭ بىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى ھېس قىلدۇرىدۇ؛ قىزىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش سەپىرى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي يۇرتى، ئاقسۇ خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى، كۆكيار خاتىرە سارىيى، باي ناھىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربان ليۇ گوپىڭ شىپاڭى، ئارال شەھىرىدىكى 359-لۈ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىپ، كىشىلەرگە قىزىل مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش