دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ساياھەت

«بۇ ھەممىمىزنىڭ يۈرەك ساداسى»
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-09-14 12:25:16

«بۇ ھەممىمىزنىڭ يۈرەك ساداسى»

− «ئىيۇلدا كەلدىڭىز تىيانشانغا سىز» ناملىق ناخشىنىڭ ئىجادىيەتچىلىرى، ئورۇنلىغۇچىلىرى تەسىراتىنى بايان قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى لى)

«بۇ ناخشا كىشىنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرىدۇ، ئېيتقانسېرى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ، بۇ، شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ يۈرەك ساداسى» دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ناخشا ئارتىسى ئېربول جېڭىسبېك.

يېقىندا، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى بىرلىكتە ئىجاد قىلغان، ئورۇنلىغان «ئىيۇلدا كەلدىڭىز تىيانشانغا سىز» ناملىق ناخشا ئېلان قىلىنىپ، تىيانشان ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ باش شۇجىغا بولغان مىننەتدارلىقى ھەم ھۆرمەت ھېسسىياتى ئىپادىلەندى، سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئورتاق يۈرەك ساداسى يەتكۈزۈلدى.

«ئىيۇلدا ئاپتاپپەرەس ئالتۇن رەڭدە ئېچىلدى، مېھماندوستلۇق راۋابى زەپمۇ قايناق چېلىندى، شىنجاڭ يايلاقلىرىدا ناخشا ساداسى كۆككە يەتتى... ئىيۇلدا كەلدىڭىز تىيانشانغا سىز، تاغ- دەريالار تولدى مېھىر- مۇھەببەتكە، كىشىلەر چۆمدى شادلىققا، ئىيۇلدا كەلدىڭىز تىيانشانغا سىز، ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرى ھېس قىلدى چەكسىز مۇھەببەتنى...» بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىدە رېئالىزم بىلەن رومانتىزم يۇغۇرۇلغان بولۇپ، مېلودىيەدە بەزىدە كۈچلۈك رىتىم ئىپادىلەنسە، بەزىدە سىلىق، لىرىكىلىق ھېسسىيات ئىپادىلىنەتتى.

ئېربول مۇنداق دېدى: «باشلىنىشىدىلا، ناخشىدا شوخ، قىزغىن كۈي ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئادىمىيەت ئۆرپ- ئادىتى نامايان قىلىنىدۇ، كېيىن ئاستا- ئاستا سىلىق، لىرىكىلىق ھېسسىيات رىتىمىغا ئالمىشىدۇ».

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ 29 ياشلىق ناخشىلىق مۇزىكا ئارتىسى چېن ياڭ مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى ياش ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، كەسپىي ئالاھىدىلىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى ناخشا ساداسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە يەتكۈزىمىز».

ئارتىسلار ھېسسىياتلىق ھالدا، بىرلىكتە «ئىيۇلدا كەلدىڭىز تىيانشانغا سىز» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

«تولىمۇ ھاياجانلاندىم!» «ئىيۇلدا كەلدىڭىز تىيانشانغا سىز» ناملىق ناخشىنى ئېيتىشقا قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ناخشىلىق مۇزىكا ئارتىسى مۇزات ھىمىت قاتتىق ھاياجانلاندى: «ناخشا ئېيتىۋاتقىنىمدا قەلبىم بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدى».

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ناخشىلىق مۇزىكا ئارتىسى گۆھەرگۈل ھوشۇر ئىلگىرى 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات- سەنئەت كۆرىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكىدە باشلاپ ئېيتقۇچى ئارتىس بولغان. «مەن پارتىيە ئەزاسى، ھازىر قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىم پارتىيەنىڭ ماڭا بولغان غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەن داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگىنىپ، سىياسىي ساپايىمنى، كەسپىي ساپايىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەتراپىمدىكى مۇنەۋۋەر پېشقەدەملەردىن ئۆگىنىپ، ئۇلۇغ پارتىيە، ئۇلۇغ ۋەتەن، ئۇلۇغ دەۋر، ئۇلۇغ خەلق ئۈچۈن ناخشا ياڭرىتىمەن» دېدى گۆھەرگۈل.

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ناخشىلىق مۇزىكا ئارتىسى شى چۇنخۇينىڭ يۇرتى شىخەنزە شەھىرى ئىدى، «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھى بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ تومۇرىدا ئاقماقتا، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن ياشلىرى ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن جۇشقۇن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىدۇ» دېدى شى چۇنخۇي.

«ناخشىنىڭ باشلىنىشىدىكى تېز رىتىمغا <ماناس> ئېيتىشىشنىڭ ئالاھىدىلىكى يۇغۇرۇلغان. شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلۇقى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، ئۆزگىچە ئادىمىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناخشا تېكىستىگە سىڭدۈرۈلگەن.» «ئىيۇلدا كەلدىڭىز تىيانشانغا سىز» ناملىق مۇزىكىغا نەق مەيداندا تەڭكەش قىلىپ بەرگەن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوركېستىر ئۆمىكىنىڭ باش باس ئىسكىرىپكا چالغۇچىسى جۇ كاڭنىڭ قارىشىچە، بۇ ناخشا ئاڭلىغانسېرى يېقىملىق تۇيۇلىدىكەن.

«بۇ ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى ئورۇنلاشقا قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن، نۇرغۇن ئۇستاز بىلەن بىللە رېپېتىتسىيە قىلىپ، ئورۇنلاپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، شۇنداقلا يۇرتۇمنى سۆيۈش ھېسسىياتىم بارغانسېرى كۈچەيدى» دېدى شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى مۇزىكا ئورۇنلاش بويىچە ئىسكىرىپكا كەسپىنىڭ 2- يىللىق ئوقۇغۇچىسى جانېكەي نۇرلان.

«بۇ ناخشىنى ئاڭلىساملا، ئەگىشىپ ئېيتقۇم، ئۇسسۇل ئوينىغۇم كېلىدۇ.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يەسلى مائارىپى گۇرۇھى كىچىك ئانار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ شياۋخۇڭ نەق مەيداندا «ئىيۇلدا كەلدىڭىز تىيانشانغا سىز» ناملىق ناخشىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «قەلبكە، كاللىغا ئورناپ، كىشىنى روھلاندۇرۇپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، يېپېڭى تۇيغۇ بېغىشلايدىكەن».

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش