دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ساياھەت

چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا | لوپنۇرلۇقلار كەنتى تارىم دەرياسى بىلەن گۈللەندى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-09-07 13:15:59

8- ئاينىڭ 3- كۈنى، ساياھەتچىلەر لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا.

ۋاڭ شۆ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن جياڭ) لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدىكى ئاسما كۆۋرۈك ئۈستىدە تۇرغاندا، ئاياغ ئاستىمىزدىن تارىم دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدۇ، بىر يېقىمىزدا مەنزىرە رايونىدىكى ئائىلىۋى مېھمانخانا، خەلق ئۆرپ- ئادىتى كۆرگەزمە نۇقتىسى، يەنە بىر يېقىمىزدا ئېگىز- پەس قۇم بارخانلىرى ۋە سۈنئىي كۆل قاتارلىقلار بار. تارىم دەرياسى ھەيۋەت بىلەن ئېقىپ كېلىپ، مەنزىرە رايونىنى كېسىپ ئۆتۈپ، مەنزىرە رايونىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.

«تارىم دەرياسى، قۇملۇق، توغراق، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆرپ- ئادىتى قاتارلىقلار بىزنىڭ مەنزىرە رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت ئامىلى، بولۇپمۇ تارىم دەرياسى مەنزىرە رايونى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن، مەنزىرە رايونىنىڭ تەرەققىياتى تارىم دەرياسىنى تۈزەش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.» دېدى 8- ئاينىڭ 26- كۈنى شىنجاڭ تارىم ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ما شىڭجيەن.

بۇ مەنزىرە رايونى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ دۆڭقوتان يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 134 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ قۇملۇق تەكلىماكان قۇملۇقى، ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى تارىم دەرياسى ھەم توغراقلىق مۇھاپىزەت رايونى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن. 2010- يىلى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغان، 2012- يىلى دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغان، 2014- يىلى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆزگىچە مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ باھالانغان، 2015- يىلى مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئىستىراھەت ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بولۇپ باھالانغان. ھالبۇكى، مەنزىرە رايونى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم تايانچ تارىم دەرياسى سۈيى ئىدى.

مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلغاندا، ئەگرى- بۈگرى تارىم دەرياسى قۇم بارخانلىرى ۋە توغراقلىق ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، «مۇشۇ يىللاردا، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنغا يەتكۈزۈلىدىغان سۇ مىقدارى كۆپىيىپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىشمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، مەنزىرە رايونىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى توغراقلىق تېخىمۇ باراقسانلىشىپ كەتتى.» دېدى ما شىڭجيەن. توغراقلا ئەمەس، مەنزىرە رايونىدىكى يۇلغۇن، يانتاق قاتارلىقلارمۇ بۈك- باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، كۆجۈملەشكەن يۇلغۇنلار قىزغۇچ بىنەپشە رەڭلىك بۇلۇتقا ئوخشاپ قالغانىدى، نۇرغۇن جايلاردا قويۇق قومۇش ئۆسۈپ، شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى.

مەنزىرە رايونىنىڭ كەسىپ ھالىتىمۇ شۇ سەۋەبتىن كۆپەيدى. مەنزىرە رايونىدىكى شېننۈ كۆلىنىڭ سۈيى ھەر يىلى تارىم دەرياسىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدە تولۇقلىنىپ، ئېكولوگىيەسى سىجىل ياخشىلاندى. مەنزىرە رايونى شېننۈ كۆلىنى چۆرىدەپ ھالقىسىمان ئايلانما لىنىيە ھەمدە ساياھەت كېمىسى، بېلىق تۇتۇش قاتارلىق تۈرلەرنى كۆپەيتتى، يەنە قىرغاقتا سۈنئىي كۆل كولاپ، ئاق قۇ، تاماشا بېلىقى قاتارلىقلارنى باقتى، مەنزىرە رايونىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى موللاشتۇردى، ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت كىرىمىنى ئاشۇردى.

مەنزىرە رايونىنىڭ ئېگىز يېرىدە تۇرۇپ شەرقىي شىمال تەرەپكە نەزەر سالغاندا، يىراقتا تېخىمۇ قويۇق يېپىنچا ئۆسۈملۈك كۆرۈنىدۇ، ئۇ لوپنۇر دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، تىپىك قۇرغاق چۆللۈك سۇلۇق يەر بولۇپ، دەريا- ئېقىن سۇلۇق يېرى، سازلىق سۇلۇق يېرى، قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىكى كۆل، دەريا- ئېقىن كەلكۈنىدە ھاسىل بولغان تۆپىلىك، دەريا ساھىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقى ئىنتايىن مول، ئېچىش ئىستىقبالى كەڭ. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەر يىراق- يېقىنغا داڭلىق توغراق مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى. ھەر يىلى 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئىككى قىرغاقتىكى توغراقلار ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە فوتوگرافىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىپ، شىنجاڭدىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ قالدى.

«تارىم دەرياسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىدە، مەنزىرە رايونىنىڭ تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ، بىز تارىم دەرياسىنى ياخشى قۇرۇشىمىز، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز، ئۇنى تېخىمۇ قەدىرلىشىمىز ۋە قوغدىشىمىز كېرەك.» دېدى ما شىڭجيەن.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش