دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ساياھەت

يەسلى ئەتراپىدا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-05-24 17:44:35

  يېقىندا مەدەنىيەت- ساياھەت مىنىستىرلىقى «مەدەنىيەت- ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ <كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى بېسىپ تارقىتىپ، «كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نىڭ قىسمەن ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. «چارە»دە ئۈستۈنكى قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. مەسىلەن، «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە «يەسلى ئەتراپىدا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمە قوشۇلدى.

 «چارە»نىڭ يولغا قويۇلۇشى كۆڭۈل ئېچىش بازارلىرىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا، كۆڭۈل ئېچىش بازارلىرىنىڭ گۈللىنىشى، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆڭۈل ئېچىش بازارلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش جەريانىدا ساقلانغان، مەسىلەن مەنئى قىلىش قىيىن بولۇش قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەرگە قارىتا، «چارە»دە يۈكلەنگەن نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ۋاسىتىسى ۋە تەدبىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بىر تۈركۈم قانۇن- نىزاملارنى ئېلان قىلدى ياكى ئۇنىڭغا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزدى، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتمۇ تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، «چارە»نى ئۇنىڭ بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كەلدى.

 بۇ قېتىم «چارە»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، ئۆلكە دەرىجىلىك مەدەنىيەت- ساياھەت مەسئۇل تارماقلىرى چەت ئەل سودىگەرلىرى مۇستەقىل مەبلەغ سالغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىنى تەستىقلاشقا مەسئۇل بولۇپ، «نىزام»دىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «چارە»دە يەنە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتلام- دەرىجىسى ئېنىق بېكىتىلىپ، سودا مەسئۇل تارماقلىرىغا تەستىق ھۆججىتى سۇنۇش قاتارلىق ئالاقىدار تەلەپلەر بىكار قىلىندى. نۆۋەتتە، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، مەبلەغ سېلىش نىسبىتىگە چەكلىمە بولمايدۇ، ئىلتىماس ماتېرىيالى، قۇرۇش شەرتى ۋە تەرتىپى دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن بىردەك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىكلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى مۇشۇ سىياسەت بويىچە بولىدۇ.

 يېڭى «چارە»دە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ماتېرىيال ئازايتىلىپ، ئىسپات ئازايتىلىپ، ئەسلىدە تەلەپ قىلىنغان ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، مۇھىت ئاسراش، سودا قاتارلىق تارماقلار چىقىرىپ بېرىدىغان تەستىق ھۆججىتى ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىسپاتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى سۇنۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بىر- بىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە «بېرىش، باشقۇرۇش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، «قارا سورۇن»لارنى جازالاش قىيىن بولۇش، مەنئى قىلىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ تاقاشقا بۇيرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ مەنئى قىلسا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنى «مەمۇرىي جازا قانۇنى»نىڭ 28- ماددىسى بويىچە مۇسادىرە قىلىپ، يەرلىك مەدەنىيەت- ساياھەت مەمۇرىي تارماقلىرىغا جازا بېرىش ۋاسىتىسى ۋە تەدبىرى بېرىلىپ، بازاردا ئادىل رىقابەتلىشىشكە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلدى.

 يېڭى «چارە»دە ئىناۋەت باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئېغىر دەرىجىدە ۋەدىسىدە تۇرمىغان سۇبيېكتلارنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىغا «مەدەنىيەت- ساياھەت ئىناۋىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى بېكىتىش ھەم مۇناسىپ ئىناۋەت باشقۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى «چارە»دە تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ئايدىلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش