دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ساياھەت

يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈنلەردە ساياھەتچىلەر شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرىغا باردى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-07-12 17:39:59

 يازدىكى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ساياھەتچىلەرنى بەس-بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى. (ماتېرىيال سۈرەت)

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار ياۋ گاڭ، جاڭ شياۋمى خەۋەر قىلىدۇ) تومۇز ئىسسىقتا، كۈن ئوتتەك قىزىپ كەتكەنىدى، ئۈرۈمچى نەنسەن مەنزىرە رايونى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، ئارشاڭ ناھىيەسى قاتارلىق سالقىندايدىغان مەنزىرە رايونلىرى «قىزىپ» كەتتى، ساياھەتچىلەر بەس-بەستە بېرىپ سالقىن ھاۋادىن ھۇزۇرلاندى. ھەممىدىن بەك «شىنجاڭچە خاس»لىققا ئىگە بولغىنى، بىر قىسىم ساياھەتچىلەر «ئىسسىق» قوغلىشىپ كەلگەن بولۇپ، تۇرپان قاتارلىق جايلارنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ساياھىتىنى ھېس قىلىش تۈرىمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

   ھەر يىلى تومۇز ئىسسىقتا، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگوۋ بازىرى مياۋئېرگوۋ مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ قەلبىدىكى سالقىندايدىغان مەنزىرە رايونىغا ئايلىنىدۇ، بۇ جايدىكى «توردا ئالقىشلانغان مۇز كارىدور» ئېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن «تەبىئىي مەركىزىي ھاۋا تەڭشىگۈچ» — لۇڭۋاڭ شارقىراتمىسىدا سۇ پارى بىلەن ئارىلاشقان سالقىن شامال يۈزلەرگە ئۇرۇلۇپ، تومۇزدىكى ئىسسىقنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.

   ياز پەسلىدىكى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى زۇمرەتتەك سۇ، قارلىق تاغ، يېشىللىق بىلەن قاپلانغان بولۇپ، كىشىگە سالقىنلىق ۋە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر بۇ جاينى ھەم ساياھەت قىلىدىغان، ھەم سالقىندايدىغان ئەڭ ياخشى جاي، دەپ تاللىدى. بېيجىڭلىق ساياھەتچى لى چۈن بوغدا كۆلىگە تۇنجى كېلىپلا بۇ جاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ھاۋاسىنى ياقتۇرۇپ قالدى، ئۇ: «بۇ جاي بەك سالقىن ئىكەن، تەبىئىي ئوكسىگېنخانىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن» دېدى.7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە، مەنزىرە رايونى كۈنىگە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى مىقدارى بىردەك 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، كىچىك يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.

تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ كەچلىك مەنزىرىسى. (ماتېرىيال سۈرەت)

    ئارشاڭ ناھىيەسى «جۇڭگودىكى سالقىندايدىغان مەنزىرە رايونى» بولۇپ باھالاندى، بۇ جايدا 58 مىڭ مو سۇلۇق يەر، 8000 مودىن ئارتۇق جىلغا ئورمان يېرى، ئورمان، ئوتلاق ۋە كۆللەر بار. 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، بۇ ناھىيەنىڭ ئېتوقسار تيەنچۈەن مەنزىرە رايونى، مۆڭكى جىلغىسى، جىلغا ئورمىنى قاتارلىق جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 24 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولدى. «پۈتكۈل ناھىيە بازىرى خۇددى بىر چوڭ مەنزىرە رايونىغا ئوخشايدىكەن، سىرتقا چىقسىلا مەنزىرە كۆرگىلى بولىدىكەن. كۈندۈزى تېمپېراتۇرا يۇقىرى ئەمەس، كېچىسى بولسا تېخىمۇ سالقىن ئىكەن، سالقىنداشقا ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن!» دېدى قاراماي شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى لى جۈەنجۈەن.

    بەزىلەر سالقىندىسا، بەزىلەر ھەتتا ئىسسىق ئىزدەپ باردى. 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، تۇرپان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدىكى ئالتۇن گۈرزە تېرمومېتىرى يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسىنىڭ 80 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. «ھازىر، ھەر كۈنى 2200دىن كۆپرەك ئادەم بۇ يەرگە ئىسسىقنى ھېس قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت 3 يېرىمدىن 4كىچە مەنزىرە رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى ۋاقىت، شۇنداقلا ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ ۋاقىت، ئالتۇن گۈرزە تېرمومېتىرى جەزمەن كېلىدىغان قىزىق نۇقتا جايغا ئايلاندى» دېدى بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ خۇڭ.

    قۇمغا تۇخۇمنى كۆمۈپ پىشۇرۇش، قۇم بىلەن داۋالىنىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى ھېس قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى شاڭخۇ كەنتىدىكى «قۇملۇقتىكى يېشىل ئىستىراھەت كەنت»ىنىڭ قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش ئۇسۇلى زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. كىشىلەر توپ-توپ بولۇشۇپ، قۇمغا كۆمۈلۈپ، چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىپ، «پۇخادىن چىققۇچە تەرلىنىۋالدۇق» دېيىشتى.

    دۆلىتىمىزدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقىغا جايلاشقان تۇرپاننىڭ تۆت ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، ئىسسىقنىڭ ئېشىشى تېز، تارقىلىشى ئاستا. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ خاتىرىلىشىچە، بۇ يەرنىڭ ھەر يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 38 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن. 7-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 17دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، تۇرپان شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ دەرىجىسىنى قىزىل رەڭگە ئۆستۈرگەن.

ساياھەتچىلەر تۆگە مىنمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت)

    7-ئاينىڭ 6-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 38 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى. پىژغىرىم ئىسسىق بولسىمۇ، لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر قۇم تاغدىن تېيىلىپ، تۆگە مىنىپ، قۇملۇق دالا ئاپتوموبىلى ۋە ئۈچ بۇرجەكلىك قاناتلىق پىلانېرغا ئولتۇرۇپ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئوينىدى. ئويناپ ھارسا، قۇم بىلەن داۋالانسىمۇ، قۇملۇق دالىدا قونسىمۇ بولىدۇ، بۇ يەردە، قۇملۇق ساياھىتى يەنىلا ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىن تاللىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى يۈ رۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، توغراق، قۇملۇقلار بار، بولۇپمۇ قۇملۇق مەركىزىدە يەنە بىر كۆل بار، مەنزىرىسى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە».


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش