دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

تەستىقلاندى! كۆكدالا شەھىرىدە ئالىي مەكتەپ بار بولدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-05-23 12:35:56

5-ئاينىڭ 15-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2023-يىللىق 2-تۈركۈمدىكى مەخسۇس مائارىپ ئالىي مەكتەپلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، 22 ئالىي مەكتەپ تىزىملىككە كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن بەش ئالىي مەكتەپ بار بولۇپ، كۆكدالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى تىزىملىككە كىردى، بۇ، بىڭتۇەن 4-شىسىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى تۇنجى مەخسۇس كۇرسلۇق ئالىي مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ شۆيۈەن 2023-يىلى كۈزدە ئوقۇش باشلاشنى پىلانلىدى.

كۆكدالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئۇنىۋېرسال 2-تۈردىكى ئالىي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى بولۇپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق 2-تۈرىدىكى كەسپىي ئورۇن، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەخسۇس كۇرس قاتلىمى بويىچە ئادەتتىكى ئالىي كەسپىي تېخنىكا مائارىپى يولغا قويۇلىدۇ. بۇ شۆيۈەن كۆكدالا شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، پىلاندىكى يەر ئىشلىتىش كۆلىمى 1700 مو، جەمئىي 1 مىليارد 420 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 240 مىڭ كىۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھازىر 1-قارارلىق قۇرۇلۇش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، 1-قارارلىق قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەن يەر 820 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 153 مىڭ 200 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇنىڭغا 890 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. بۇ، كۇتۇپخانا، ئىشخانا بىناسى، ئوقۇتۇش بىناسى، ئەمەلىي مەشىق بىناسى، تەنتەربىيە سارىيى، ياتاق، ئاشخانا قاتارلىق 5000 ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان قۇرۇلۇش كۆلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    نۆۋەتتە 1-قارارلىق تۈرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى تاماملاندى، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرى پۈتىدىكەن. 2-قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 880 مو، 530 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، پىلاندىكى قۇرۇلۇش كۆلىمى 90 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئوقۇتۇش بىناسى، ئەمەلىي مەشىق بىناسى، ياتاق، ئاشخانا، تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىق ئەسلىھەلەر كېڭەيتىپ قۇرۇلىدۇ، شۇ چاغدا 10 مىڭ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپ قاتارلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

    بۇ يىل، كۆكدالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى تۇنجى تۈركۈمدە ئالتە كەسىپ تەسىس قىلىدۇ، يەنى ماشىنا-ئېلېكتىرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى، مېھمانساراي باشقۇرۇش ۋە رەقەملەشكەن تىجارەت، تور ماركېتىڭ ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ۋە ھاراق ئېچىتىش تېخنىكىسى. ساھە، كارخانا ۋە ئىختىساسلىقلار بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، «15-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، بۇ شۆيۈەندىكى كەسىپلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 28گە يەتكۈزۈلىدۇ ھەم ئىككىدىن ئۈچكىچە شۆيۈەن دەرىجىلىك تايانچ كەسىپ يولغا قويۇلىدۇ، بىڭتۇەن دەرىجىلىك تايانچ كەسىپتىن بىرنى قۇرۇپ چىقىش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

    «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئاساسەن، تۇنجى تۈركۈمدە 700 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ، ھازىر، شۆيۈەننىڭ مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى تاماملاندى، ئەمەلىي مەشىق ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرى ۋە كىتاب قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش خىزمىتى پىلان بويىچە تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا» دېدى كۆكدالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى تەييارلىق كۆرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى رەن جيەنگو تونۇشتۇرۇپ.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاۋ شۇاڭ، شى جۈەن)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش