دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

​ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە قاراشلىق كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-22 13:05:48

ئاپتونوم رايون مەخسۇس تېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە قاراشلىق كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە قاراشلىق كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش خىزمىتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك كەسپىي مائارىپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 3 -، 5 -، 6 -، 7 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي مائارىپنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، تۈزىتىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، خىزمەت ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، مەسىلە ۋە كەمتۈكلۈكلەر تېپىپ چىقىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇنۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي مائارىپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كەسپىي مائارىپ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ھەم ئۇنىڭغا قاراشلىق كەسپىي مەكتەپلەر، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي مائارىپىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىش، كەسپىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، سىستېما تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش خىزمىتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك. خىزمەت پىكىر يولىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ھەم رايون خاس كەسىپلەر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، رايون ئوقۇغۇچى مەنبەسى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشىنى ئىلمىي، دەل جايىدا ئەلالاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ بايلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك؛ كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، قىسمەن مەكتەپلەرنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە كىتابلىرى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، «قاتتىق ماتېرىيال نۇقسان»لىرىنى تۈگىتىش كېرەك؛ كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش يوچۇقىنى يەنىمۇ تولدۇرۇپ، مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنى كىرگۈزۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، قوشۇمچە ۋەزىپىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئىشتاتىنى جانلاندۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىلىك ئوقۇتقۇچىلار بىرلەشتۈرۈلگەن يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇتۇش كوللېكتىپىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، سېلىنما كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي، كۈچلۈك ھەرىكەت ئارقىلىق كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش