دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 2022-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش باشلاندى!
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-09-29 18:50:46

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2022-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 10دىن 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17گىچە بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت تورى (www.jszg.edu.cn)غا چىقىپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشمىغانلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، مۇناسىپ بولغان ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ: شىنجاڭ نوپۇسىدىكى خادىملار؛ شىنجاڭنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدىكى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بار باشقا ئۆلكە، شەھەر نوپۇسىدىكى كىشىلەر (ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ياكى ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)؛ شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان شۇنداقلا مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار؛ شىنجاڭدا ئارمىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر ۋە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قوراللىق ساقچىلار؛ شىنجاڭدا ئوقۇۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان، ئولتۇراقلاشقان شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك ئاھالىلەر.

  يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بېكىتىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ پىراكتىكا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ۋىلايەت (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك)لىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بېكىتىدۇ. رايون، ناھىيە ئاتلاپ نەق مەيداننى بېكىتىش ئاپپاراتىنى تاللاشقا بولمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى توردا ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئېلىپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ جەزملەشتۈرۈشى كېرەك.

  ئىلتىماس قىلغۇچىلار ھەر قانداق ھالقىدا ساختىپەزلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئالدامچىلىق بىلەن ئېرىشكەنلىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىشنى قايتا ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش