دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش مەملىكەت بويىچە پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭدا شىنجاڭغا كىرىپ- چىقىدىغان بىر تاشيول كۆپىيىدۇ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇساپىسى 7500 كىلومېتىردىن ئاشتى ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى جۇڭگو - موڭغۇلىيە پورت ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ھال سوراش پائالىيىتى توردا ئۆتكۈزۈلدى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى شىنجاڭدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 2سى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 29ى يېڭىدىن كۆپەيدى سىچۇەنلىك يىگىت ئاقسۇنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى ۋىلايەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ 3 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى ۋىلايەت 13 مىڭ كارخانىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن 320 مىليون يۈەننى تۆۋەنلەتتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا «سۈرئەتنى تېزلىتىش» ئىشقا ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

ئەڭ گۈزەل تىلەكلەر سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلارغا تەقدىم قىلىندى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-13 16:23:59

ھەرقايسى جايلار تور ۋە تور سىرتىدا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى

ئەڭ گۈزەل تىلەكلەر سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلارغا تەقدىم قىلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ

9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ 38 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار تور ۋە تور سىرتىدا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سوراپ، ئەڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلارغا تەقدىم قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۈرلۈك كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارنى تەييارلاپ، ئوقۇتقۇچىلارغا چىن قەلبىدىن بەخت تىلىدى. گۈللۈك پانۇس، تەبرىك كارتىسى، چىن ھېسسىيات سىڭگەن سىزما رەسىم... ھەر خىل كۆڭۈل سوۋغىلىرى ئوقۇتقۇچىلار سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەجىرگە بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.

9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 79 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى توردا ئوقۇتقۇچىلىرىغا بەخت تىلەپ، تەبرىك كارتىسى، قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق يۆبىڭ ياسىدى... 3 - يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى يۈۋەن توردا ئوقۇتقۇچىسىغا ئۆزى ياسىغان قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمىنى كۆرسەتتى. «مەن <ئاي تولغاندا ئۇستازغا سالام> دېگەن ئەسەرنى تەييارلاپ، ئوقۇتقۇچىمغا مىننەتدارلىق بىلدۈردۈم.» لى يۈۋەن مۇنداق دېدى: مەكتەپتە ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىمغا سوۋغا قىلىمەن.

«ئوقۇتقۇچىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز» «مۇئەللىم، جاپا چەكتىڭىز» بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 3 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى سەي لى قولدا ياسىغان گېزىتكە ھۆسنخەت يېزىپ، نەپىس، گۈزەل رەسىملەرنى سىزىپ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۇزۇن بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۆزلىرى ياسىغان تەقدىرنامىنى تەقدىم قىلدى. «تاپشۇرۇقنى ئەڭ تېز تەكشۈرۈش تەقدىرنامىسى» «مەرىپەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئىللىتقان ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى تەقدىرنامىسى» قاتارلىق بالىلار ئۆزى ياسىغان تەقدىرنامىلەر كىشى قەلبىنى ئىللىتتى.

سانجى شەھەرلىك 14 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا «مۇئەللىم، مېنىڭ سىزگە شۇنداق دېگۈم بار...» دېگەن تېمىدا بايراملىق تىلەك يىغىش ئۇقتۇرۇشى تارقاتتى، ئوقۇغۇچىلار سىن ئىشلەپ، قولدا ياسىغان گېزىت تەييارلاپ، ۋىيشىن قاتارلىقلار ئارقىلىق توردا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر يەر بەلگىسى خاراكتېرلىك ئىمارەت، ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرىدىكى كۆرسەتكۈچ ئېكران، تاكسىنىڭ ئۈستى چىرىغى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارغا سالام يوللاپ، كۆڭۈلنى سۆيۈندۈرىدىغان تىلەكلەرنى يەتكۈزدى. كۆپ خىل شەكىلدە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان نۇردىن ھاسىل بولغان ھەرىكەتلىك تەسۋىرلەر كېچە ئاسمىنىنى يورۇتۇپ تۇراتتى، نۇرغا ئەگىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تۇرغان «مۇئەللىم، ياخشىمۇسىز!» «ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» «مۇئەللىم، جاپا چەكتىڭىز» دېگەن خەتلەر كۆپچىلىكنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.

9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىدىن ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مائارىپ سېپىدە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان خىزمەتچىلەرگە بايراملىق سالام يوللىدى.

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ ئىدارىسى بىرلىكتە «نەشپۈت شەھىرىدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ھەم مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە ئەۋەتىلگەن خەت»نى تارقىتىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ۋە جۇڭچيۇ بايرىمىلىق سالام يوللىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھال سوراش خېتى ئەۋەتىش، تېلېفوندا ھال سوراش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇلارغا سالام يوللىدى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاددىي خىزمەت ئورنىدا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، جاپالىق ئىشلەپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جياڭسۇ نەنتۇڭنىڭ 10 - تۈركۈمدە مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئەترىتىنىڭ ئەترەت يېتەكچىسى، غۇلجا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، غۇلجا ناھىيەلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ۋېي چىڭ بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن تېلېفوندا ھال سوراپ، ئۇلارغا بايراملىق سالام يوللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش