9- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ «جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى مېنى داشۆگە ئاپىرىپ قويدى» ئاممىۋى پاراۋانلىق ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش يولىنى «قوغدىدى».
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەخلاقتا، ئۆگىنىشتە ئەلا، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 2022- يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن 30 ئوقۇغۇچى جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى تەمىنلىگەن ھۆرمەت ھەقسىز بېلىتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن. ھۆرمەت ھەقسىز بېلىتىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئۈچ ئاي بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى بوش ئورۇندىن پايدىلىنىپ ئايروپىلانغا ھەقسىز ئولتۇرالايدىكەن، ھەم 20 كىلوگىرام يۈك- تاقنى ھەقسىز ھاۋالىلىك توشۇتالايدىكەن.
ئالتاي ۋىلايەتلىك 1- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن 2022- يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئالتىنئاي تولاربېك ۋۇخەن پەن- تېخنىكا داشۆسىگە ئۆتتى، بۇ قېتىم جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ھەدىيە قىلغان ھەقسىز ئايروپىلان بېلىتىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ بىلىم ئېلىش يولى راۋانلاشتى ھەم ئاسانلاشتى.
ئالتىنئاي تولاربېك مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچۇم تېلېفوندا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ مېنى ئۈرۈمچىدىن ۋۇخەنگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا، مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىغا تەقەززا بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشۇمدا قېتىرقىنىپ ئوقۇپ، كۆپرەك بىلىم ئۆگىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ماھارەت ئىگىلەپ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە يۇرتۇمنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن».
2007- يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى ئورناتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شىركەت ئۆزىدىكى بايلىق ۋە ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى نەتىجىسى ئەلا، ئائىلە تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى بار داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز ئايروپىلان بېلىتى بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلىدى، ھازىرغىچە 100گە يېقىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ياردەم قىلدى.
جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى ئالتاي ۋىلايەتلىك تىجارەت باشقارمىسىنىڭ دىرېكتورى ۋېي لەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئالتاي شۆدۇ ئايرودۇرۇمى ھەم ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش مەخسۇس پوكىيى تەسىس قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، ئايروپىلان ئالمىشىش قاتارلىق كۆپلىگەن ھالقىلاردا كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا، ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن مۇناسىپ مەكتەپكە يېتىپ بېرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كارخانىلارنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن قىلىمىز».
(ئىختىيارىي مۇخبىر: لاچىن جېڭىسبېك)
پايدىلانغان مەنبە: ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش