دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 8 ـ ئايدا شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشتى8 ـ ئايدا شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشتى «شىنجاڭنىڭ سۇپا ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى (2022)» ئېلان قىلىندى ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇر» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 175 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 173 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى ​شىنجاڭ تۆمۈريولى شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى شىنجاڭ: پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

ۋىلايىتىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى 500 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچى «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى ئاڭلىدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-06 11:04:44

 ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق پىروگراممىسى بولغان 2022 ـ يىللىق «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس» دەل ۋاقتىدا قويۇلدى، پىروگراممىدا دىققەت پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «كۈرەش قىلىش ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ» باش تېما قىلىنىپ، «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر، دەۋر نەمۇنىچىلىرى، ئىلىم ـ پەن خىزمەتچىلىرى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى، پىدائىيلار قاتارلىقلار مۇنبەرگە چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىر قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى دەرسى، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى، ئىلىم ـ پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسىنى ئورتاق ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىندى. ۋىلايىتىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى 500 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچى تور، تېلېۋىزور قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بۇ دەرسنى ئاڭلىدى.

«ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»تە «جەلپكار دەرسخانا + ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك دەرس» شەكلىگە تايىنىپ، پەن ـ تېخنىكا تۇيغۇسى، دەۋر تۇيغۇسىغا ئىگە چۆكۈش شەكلىدىكى دەرس تەييارلانغان بولۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشى قانات يايدۇرۇشىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئاقسۇ مائارىپ شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئوۋ ياڭچىن مۇنداق دېدى: بىز ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇ ـ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىمىز.

بۇ يىللىق «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»كە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى نەمۇنىچىلار تەكلىپ قىلىندى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەرخىل كۈرەش مۇساپىسى ۋە قەلبلەرنى ئىلھاملاندۇرىدىغان باتۇرلۇق ئىش ئىزلىرىنى ئورتاقلىشىپ، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى. ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئامىنەم ئەنۋەر مۇنداق دېدى: داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ مىن مۇنداق دېدى: «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى كۆرگەندىن كېيىن، كۈرەش قىلىشنىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ قان ـ قېنىغا سىڭىپ كەتكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم! جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن، مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تىرىشىپ جان تىكىپ ئىشلەپ، پۇختا خىزمەت قىلىپ، ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قالتىس ھاياتىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، مەكتەپ، جەمئىيەت ۋە ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى تولۇق ئوتتۇرا 3 ـ يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈلزىرە مۇتەللىپ مۇنداق دېدى: «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى ھاياجانلاندىم ھەم چوڭقۇر ئىلھاملاندىم. ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدا ئۈن ـ تىنسىز كۈرەش قىلىۋاتقان ھەربىر كىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇلار ئاددىي ھەم ئۇلۇغ كىشىلەردۇر، مەن ئۇلاردىن ئۆگىنىمەن.

توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى قىزىلنۇر باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 4 ـ يىللىق ئوقۇغۇچىسى خۇرشىدە مەمەت مۇنداق دېدى: ھەر يىللىق «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»تىن مەن كۆپ نەپكە ئېرىشىمەن. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تىرىشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك 2 ـ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 ـ يىللىق ئوقۇغۇچىسى فېڭ ئاۋچىڭ مۇنداق دېدى: «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس» مېنى تىرىشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە دۆلەتكە، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش