دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پەيزاۋات شىنمېيسى تور ۋە تور سىرتىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5000 توننا سېتىلدى ئالدىنقى يەتتە ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى ئىمپورت - ئېكسپورت بانكىسى 20 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قەرز پۇل تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىنى قوللىدى ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى ئالدىنقى يەتتە ئايدا دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ لوپنۇر كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد 579 مىليون يۈەنگە يەتتى شىنجاڭنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى «ئەمەلىي نەپ» كارخانىلارغا دەل جايىدا نەپ يەتكۈزدى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق قارالمىلار مۇزاكىرە قىلىنىپ قاراپ چىقىلدى 410 مىڭ مو توغراقلىق «قانغۇچە سۇ ئىچتى» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ «جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى . شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى يېتىپ كەلدى! ئائىلىدە ئۆگىنىش قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى ساغلاملىققا دىققەت قىلىش كېرەك
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-09-02 12:36:56

  يۇقۇم سەۋەبىدىن

  يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە مەكتەپلەر ئارقا-ئارقىدىن

  توردا دەرس ئۆتۈش شەكلىدە دەرس باشلىدى

  ئەگەر ئۆيدە تور دەرسى ئاڭلاپ تەشۋىشلىنىۋاتقان بولسىڭىز

  ھودۇقماڭ ~

  قانداق قىلغاندا ئۆيدە سالامەتلىككە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆگىنىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟

  قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!

  كۆرۈش قۇۋۋىتىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ

图片

  ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

  كۆز ئاسراش گىمناستىكىسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ

  يۇقۇم مەزگىلىدە، بالىلار ئۆيدە تور دەرسى ئاڭلىسا، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشى كۆپىيىپ، ئاسانلا كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ. قانداق قىلغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ، شىنجاڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى سىزگە ئەقىل كۆرسىتىدۇ!

  1. ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى ئىلمىي تاللاپ ئىشلىتىش

  ئامال بار ئېكرانى چوڭراق بولغان ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى تاللاش كېرەك. تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەرتىپ: پىرويېكتور < تېلېۋىزور كومپيۇتېر < < تاختا كومپيۇتېر، ئەڭ ئاخىرىدا يان تېلېفون بولسا بولىدۇ.

  ئامال بار ئېكراننىڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى تاللاپ ئىشلىتىش، كۆزدىكى بىئاراملىق ۋە ھارغىنلىقنى ئازايتىش كېرەك.

  ئەڭ ياخشىسى سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكرانى بار كومپيۇتېرنى تاللاپ ئىشلىتىش، ئېكراننىڭ يورۇقلۇقىنى قارىماققا راھەت كۆرۈنىدىغان ھالەتكە تەڭشەش، كۆزنى بەك بىئارام قىلماسلىق كېرەك.

  1. ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار ۋە تېلېۋىزورنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىش، كۆرۈشتىن ساقلىنىش

  ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئۇدا ئىشلەتكەن ۋاقىت قانچە قىسقا بولسا شۇنچە ياخشى. ھەر كۈنى تور دەرسى ئاڭلىغاندىن باشقا ۋاقىتتا، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئامال بار ئاز ئىشلىتىش كېرەك. مەسىلەن، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناش قاتارلىقلار.

  1. توغرا كۆرۈش قىياپىتى ۋە ئوقۇش-يېزىش قىياپىتىنى ساقلاش كېرەك.

  توردا ئۆگەنگەندە يورۇقلۇق يېتەرلىك ئۆيلەرنى تاللاش كېرەك، كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئارقا تەرىپىنى دېرىزىگە قارىتىپ، كۈچلۈك نۇرنىڭ ئېكرانغا بىۋاسىتە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش، نۇرنىڭ قايتىشىنى ئازايتىش كېرەك.

  ئۆيدىكى كىتاب ئۈستىلى ۋە ئورۇندۇقىنىڭ ئېگىزلىكىنى ياخشى تەڭشەش، كىتاب ئوقۇغان، خەت يازغاندا «ئۈچ بىر»نى ساقلاش، قول بىلەن قەلەم ئۇچىنىڭ ئارىلىقى بىر سۇڭ، كۆز بىلەن كىتابنىڭ ئارىلىقى بىر چى، كۆكرەك بىلەن ئۈستەلنىڭ ئارىلىقى بىر مۇشت بولۇشى كېرەك.

  1. كۆز ئىشلىتىشتىكى ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش كېرەك.

  پىيادە ماڭغاندا، تاماق يىگەندە، ياتقاندا كىتاب ياكى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارغا قارىماسلىق كېرەك. يورۇقلۇق ئاجىز ياكى قۇياش نۇرى تىك چۈشكەن ئەھۋالدا كىتاب ئوقۇماسلىق، خەت يازماسلىق، ئوقۇش، يېزىش جەريانىدا ئۆينىڭ چوڭ چىرىغى ۋە ئۈستەل چىرىغىنى تەڭ ئېچىش كېرەك.

  1. ئۇيقۇ بىلەن ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى 10 سائەتكە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 9 سائەتكە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 8 سائەتكە يېتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بېلىق، مېۋە-چېۋە، يېشىل كۆكتات قاتارلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىگە پايدىلىق ئوزۇقلۇقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، قەنتنى ئاز ئىستېمال قىلىش، تاماق تاللىماسلىق، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولۇش كېرەك.

  ساغلاملىقىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ

图片

  «خالىغاننى قىلىدىغان» تەتىل ئاخىرلاشتى!!

  بەدەن چېنىقتۇرۇش: ئەمەلىي شارائىتقا بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرگەچ كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش، بەدەننى بوشىتىپ، بېسىمنى يېنىكلىتىش كېرەك.

  يېمەك-ئىچمەك قانۇنىيەتلىك بولۇش: بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يەپ، قانۇنىيەتلىك غىزالىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش، تاماقنى زىيادە كۆپ يىمەسلىك، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .

  ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش: بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرۇش، مەشغۇلات-دەم ئېلىش قانۇنىيەتلىك بولۇش، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەگەر جىددىيلىشىش قاتارلىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدە ئۇزاق ۋاقىت ئۇخلىيالمىسا ياكى ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

  كەيپىياتىڭىزنى ياخشى تۇتۇڭ

  ئوينىما! ھاڭۋاقتىلىق قىلما! يەنە ھاجەتخانىغا كىرەمسەن!

  بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

  1.كوللېكتىپ كېلىشىمدىن باشلاپ قول سېلىش

  ئاتا-ئانا ياكى ئوقۇتقۇچى بىر تەرەپ تۈزگەن تۈزۈم قارشىلىقنى قوزغايدۇ، بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئورتاق رىئايە قىلغاندىلا ئاز كۈچسەرپ قىلىپ كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  2. باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇۋاپىق بولۇش

  ئۆيدە ئۆگىنىش قىلىۋاتقان مەزگىلدە، بالىلار بىلەن بىرلىكتە يان تېلېفون ئىشلىتىش ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ، مۇقىم ۋاقىتتا يان تېلېفون ئىشلىتىپ، تاپشۇرۇق يوللاش، بىلىم ئۆگىنىش، ئىستىراھەت-كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ.

  3. بالىلارنىڭ نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، بۆلۈپ ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش

  پەقەت ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارلا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان بالىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ. ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ ئىچكى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆگىنىش نىشانىنى بېكىتىپ، ئاندىن قەدەم-باسقۇچلار بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجرىتىپ بالىلارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەش

图片

  ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋاقتىدا كۆزىتىپ، مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇش، بالىلارنى يولۇققان مەسىلە ۋە باش قېتىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ئېيتىشنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەش، بالىنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشىغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنى ياردەم بىلەن تەمىنلەش، بالىلارنىڭ ناچار كەيپىياتىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش، بالىلارنىڭ كەيپىياتىنى تىنچلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىش كېرەك.

  روھىي ھالىتىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، يۇقۇمغا توغرا قاراش

  بالىلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى توغرا تونۇشقا يېتەكلەپ، ۋاقتىدا روھىي ھالىتىنى تەڭشەپ، يۇقۇمغا ئاكتىپ يۈزلەندۈرۈش كېرەك. دىققىتىنى قىلىۋاتقان ئىشىغا، ئورۇندىغاندىن كېيىنكى خۇشاللىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش