دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىملىك بېجىرىش «يېشىل يول»ى ئېچىلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-05-26 13:15:42

  ئاقسۇ ئاخبارات تور خەۋىرى. 2022 ـ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلاپ قالدى، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىلىرىنىڭ ھەرقايسى ساقچىخانىلىرىدىكى نوپۇس كۆزنەكلىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا كىملىك بېجىرىش «يېشىل يول»ى تەسىس قىلىندى.

  5 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ئوقۇغۇچى رى X ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى لەڭگەر ساقچىخانىسىنىڭ نوپۇس ساقچىسى قىلغان كىملىكىنىڭ مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، بېجىرىشكە ئەسكەرتىش توغرىسىدىكى تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  رى X مۇنداق دېدى: كىملىكىمنىڭ مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلماپتىمەن، ھېلىمۇ ياخشى خەلق ساقچىسى ئەسكەرتىپ تېلېفون قىلىپتۇ، بولمىسا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىمغا دەخلى يېتىپ قالاركەن. شەنبە كۈنى خەلق ساقچىلىرى ئارام ئالماي، مەخسۇس ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا كىملىك بېجىرىپ بەردى.

  مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىق باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2022 ـ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلاپ قالغاچقا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىملىكىنىڭ مۇددىتى توشۇپ قالغان، كىملىكى يوقاپ كەتكەن ياكى بۇزۇلۇپ كەتكەنلەرگە شۇ ھامان كىملىك بېجىرىپ بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ۋىلايەت بويىچە بارلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى نوپۇس كۆزنەكلىرىدە بۈگۈندىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقانغا قەدەر كىملىك بېجىرىش «يېشىل يولى» ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەرقايسى كۆزنەكلەر ئوقۇغۇچىلارنى «ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتى، ۋاقىتنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى، ۋاقىت ئايرىش مۇلازىمىتى» قاتارلىق خەلققە قولايلىق تەدبىرلەر بىلەن تەمىنلەپ، ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن تەكشۈرۈپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا كىملىكنى ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ قولىغا تەگكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن. شۇنداقلا، ۋىلايەت بويىچە كىملىكىنىڭ مۇددىتى توشۇپ قېلىشقا ئاز قالغانلار، مۇددىتى توشۇپ كەتكەنلەر تىزىملىكىنى رەتلەپ، نوپۇس ساقچىلىرى تېلېفون قىلىپ ئۇقتۇرۇش، ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىن كىملىك بېجىرىپ بېرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئۇلارنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  ھازىرغا قەدەر، ۋىلايىتىمىزدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان 2000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا «يېشىل يول»دا كىملىك بېجىرىپ بېرىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندىن بۇرۇن جىددىي كىملىك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، مەكتەپلەر، ئاتا ـ ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش