دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

​شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-01-26 12:00:02

لى يىفېي مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالار گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنى مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالار گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەلەپ، يېڭى نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لى يىفېي مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالار يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نۇرغۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئورۇنلۇق بولغان تەدبىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەكلىپ بېرىش، سىياسىي مەسلىھەت بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە قوش يۆنىلىشتە كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى يىفېي مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مائارىپنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مائارىپ ساھەسىدە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئۇلىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، تولۇق كۇرس كەسپىي مائارىپىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ خاسلىق يارىتىشى، سەۋىيە يارىتىشىنى قوللاپ، يېتەكلەپ، ھۈنەرۋەن روھىغا ئىگە تېخىمۇ كۆپ ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

لى يىفېي سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى قوللاپ ۋە نازارەت قىلىپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئەستايىدىل رەتلەپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، ئەزالارنىڭ توغرا ۋە ئېنىق كۆز قاراشلىرىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك خىزمەت تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش