دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

ئاقسۇ ئوچۇق داشۆسى رەسمىي قۇرۇلدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-09-14 10:52:22

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، ئاقسۇ ئوچۇق داشۆسىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلدى، بۇ، شىنجاڭ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە داشۆسى ئاقسۇ شۆبە مەكتىپىنىڭ نامىنىڭ ئاقسۇ ئوچۇق داشۆسىگە رەسمىي ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جۇ لىنسېن، شىنجاڭ ئوچۇق داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە مەخسۇس خادىمى قايرات قابۇكېن يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاقسۇ ئوچۇق داشۆسى، ئاقسۇ ياشانغانلار ئوچۇق داشۆسى، ئاقسۇ مەھەللە تەربىيە مۇلازىمىتى يېتەكچىلىك مەركىزىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى.

 ئاقسۇ ئوچۇق داشۆسىنىڭ ئاساسى بولغان شىنجاڭ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە داشۆسى ئاقسۇ شۆبە مەكتىپى 1982 ـ يىلى قۇرۇلغان. 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، مەكتەپ جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن مەكتەپ باشقۇرۇشتا، ئادەتتىكى ئاممىغا يۈزلەنگەن مەكتەپ باشقۇرۇشتا، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن مەكتەپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كەڭ يېزىلارغا ئەۋەتتى، قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %70تىن كۆپرەكى يېزىلاردىن كەلگەن بولۇپ، جەمئىي 32 مىڭ تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىسىنى تەربىيەلەپ، %95ىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مەكتەپ يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلەش ئارقىلىق مەكتەپ باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت رەقەملەشكەن ئۆگىنىش بايلىقى مەركىزىگە تايىنىپ كەسىپ تۈرلىرى تولۇق، ئوقۇ ـ ئوقۇتۇشى قېلىپلاشقان مائارىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم ئەسقاتىدىغان، ماھارەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

جۇ لىنسېن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە داشۆسى ئاقسۇ شۆبە مەكتىپىنىڭ نامىنىڭ ئاقسۇ ئوچۇق داشۆسىگە رەسمىي ئۆزگەرگەنلىكى ۋىلايىتىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز مائارىپ ۋە ئۆمۈرلۈك مائارىپ ئىسلاھاتىدىكى بىر تۈرلۈك بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. ئاقسۇ ئوچۇق داشۆسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ۋىلايەتنىڭ «76331» ئىستراتېگىيەسى ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى خاس مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرلىشىپ ئادەم تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئاقسۇ ئوچۇق داشۆسىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە تېخىمۇ كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئاقسۇنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىدىغان، ۋىلايىتىمىزدىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشىگە تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت قىلىدىغان يېڭى تىپتىكى ئالىي مەكتەپكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

قايرات قابۇكېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاقسۇ ئوچۇق داشۆسى شىنجاڭ ئوچۇق داشۆسىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئوقۇش تارىخى مائارىپى ۋە غەيرىي ئوقۇش تارىخى مائارىپىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى ئورنىتىش، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆگىنىش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش