دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

بۇ كەنتتىكى 110 كىچىك دوستنىڭ «1-ئىيۇن سوۋغىسى» بەكمۇ ئالاھىدە بولدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-06-03 18:04:53

 ئانار بۇلۇت خەۋىرى (مۇخبىر سۈن ۋۇجيەن) 6-ئاينىڭ 1-كۈنى بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي بازىرى سۇلۇق ئالموتا كەنتىدىكى 110 نەپەر بالا ئىلى ئوبلاستلىق ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى ئېلىپ كەلگەن ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن ئىبارەت «ئالاھىدە سوۋغات»نى تاپشۇرۇۋالدى.

  5-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەردە، ئىلى ئوبلاستلىق ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسنىڭ «تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» سۇلۇق ئالموتا كەنتىدىكى بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش پائالىيىتى بايانداي بازىرى سۇلۇق ئالموتا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىلى ئوبلاستلىق ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدىكى ئوندىن ئارتۇق دوختۇر سۇلۇق ئالموتا كەنتى يەسلىسىدىكى 110 نەپەر بالىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈردى، تەكشۈرۈش بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىشىنى باھالاش، قان ئازلىقنى تاللاپ تەكشۈرۈش، كۆز ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈش، ئېغىز بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلار يەنە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا «بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى» بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ بەردى. شۇ كۈنى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۈچۈن كەلگەن ھەربىر كىچىك دوست بالىلار كىتابلىرى، ئوقۇش قوراللىرى قاچىلانغان «كىچىك سوۋغات»قا ئېرىشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش