دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

شىنجاڭدىن ئۈچ كىشى جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى نامزاتلىقىغا تاللاندى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-05-09 19:32:06

 ئۈرۈمچى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ): 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 2021-يىللىق ئاكادېمىكلارنى كۆپەيتىپ سايلاشتىكى كۈچكە ئىگە نامزات تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى رەئىس ھەيئىتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق، بۇ يىل كۈچكە ئىگە نامزاتتىن جەمئىي 577سى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن ئۈچ كىشى تاللاندى.

  شىنجاڭ داشۆسىدىكى ۋاڭ ۋېيچىڭ، شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى يىن فېيخۇ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدىكى ھاجىئەكبەر ئەيسا كۈچكە ئىگە نامزات تىزىملىكىگە كىردى، ئۈچ كىشى ئايرىم-ئايرىم يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك سۇ-تۇپراق قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭيى دورىلىرى خىمىيەسى جەھەتتىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، كۈچكە ئىگە نامزاتلىقتىن ئاكادېمىلىككىچە يەنە ئۈچ چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىكەن. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم كۆپەيتىپ سايلىنىدىكەن، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى ئېلان قىلغان 2021-يىللىق ئاكادېمىكلارنى كۆپەيتىپ سايلاش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، كۈچكە ئىگە نامزاتلار تىزىملىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 6-ئاينىڭ 1-ھەپتىسىدە ھەرقايسى ئىلمىي بۆلۈملەر 1-نۆۋەتلىك باھالاپ، 2-نۆۋەتلىك باھالاشقا كىرگەن نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ؛ 10-ئاينىڭ 2-ھەپتىسىدە 2-نۆۋەتلىك باھالاش ئېلىپ بېرىلىپ، ئاخىرقى سايلانغان نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىنىدۇ؛ يەنە بارلىق ئاكادېمىكلار بېلەت تاشلاپ ئاخىرقى قېتىم سايلىنىدۇ، ئاخىرىدا ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، سايلانغان ئاكادېمىكلارنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىنىدۇ.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاكادېمىكتىن جەمئىي توققۇزى بار، ئۇلار شۇغۇللىنىۋاتقان پەن تەتقىقات ساھەسىدە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش