دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 300دىن ئارتۇق شەھەر يەسلىسىنىڭ ھەممىسى ئېچىلدى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-03-15 17:07:23


3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 21-يەسلىدە، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىلىملەرنى سۆزلەپ، ئۇلارغا يەتتە باسقۇچلۇق قول يۇيۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەتمەكتە.

(سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ ۋېي): دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەسلىلەر ئالدى بىلەن يېزىلاردا، ئاندىن شەھەرلەردە بولۇش تەرتىپى بويىچە، تۈركۈمگە ئايرىپ مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ ئېچىلدى. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 300دىن ئارتۇق شەھەر يەسلىسى تولۇق ئېچىلىپ، 105 مىڭ ئوماق بالا يەسلىگە قايتتى، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشتىن باشلاندى.

  ئالاھىدە يېنىك سېغىز توپىدىن ياسالغان «ۋىرۇس» مودېلى، قولدا سىزىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر رەسىملىك كىتاب، سۈرەتلىك يەتتە باسقۇچلۇق قول يۇيۇش ئۇسۇلى... ئۈرۈمچى شەھەرلىك 21-يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار چوڭ زالنى «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىلىملەر كوچىسى» قىلىپ بېزىدى. سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلۈپ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس دېگەن نېمە؟» ، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس قانداق تارقىلىدۇ؟»، «قانداق قىلغاندا ياخشى مۇداپىئە قىلغىلى بولىدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش بىلىملەر نامايان قىلىندى.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس چوڭ ۋىرۇس» ناملىق ئىجادىي رەسىملىك كىتابى بالىلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىر چوڭ ۋىرۇس، بىز ماسكا تاقاپ، قولىمىزنى پات-پات يۇيۇپ تۇرساقلا، ئۆزىمىزنى قوغدىيالايمىز.» دېدى ئوقۇتقۇچى ۋاڭ چۈنيەن بىر تەرەپتىن سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن قول يۇيۇش، ماسكا تاقاش ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«بۇ ئىجادىي رەسىملىك كىتابنى سەككىز ئوقۇتقۇچى بىر ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ قولدا سىزىپ چىققان، رەسىم ئارقىلىق بىر كەپسىز ۋىرۇسنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغىنى، كىچىك دوستلار «قولىنى پات-پات يۇيۇش»، «ماسكا تاقاش»، «بىر مېتىر ئارىلىق» قاتارلىق قوراللار بىلەن ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرغانلىقى نامايان قىلىنغان.

  شاكىچىك ياڭ جىڭخەن كۆرگەزمە تاختىسىدىكى يەتتە باسقۇچلۇق قول يۇيۇش ئۇسۇلىغا تىكىلىپ، كىچىك قوللىرى بىلەن ئەگىشىپ مەشىق قىلدى. «بۇ باسقۇچلارغا مەن ناھايىتى پىششىق بولۇپ كەتتىم، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن يەنە ئاتا-ئانامغا ئۆگىتىپ قويىمەن.» دېدى ياڭ جىڭخەن.

  «يەسلىلەر كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر، بالىلار ناخشىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ. كىچىكلەر چوڭلارنى يېتەكلەش ئارقىلىق، بىر بالا بىر ئائىلىگە باشلامچىلىق قىلىپ، بىرلىكتە ئاڭلىق ھالدا مۇداپىئەنى ياخشى قىلىدۇ.» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 21-يەسلىنىڭ باشلىقى جىن يۈ.

  ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-بالىلار باغچىسى «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىچىك قوغدىغۇچىسى» ئۆتكەلدىن ئۆتۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

    ئوقۇتقۇچى سۈن شۆبىننىڭ «كىچىك دوستلار، چۈشكۈرمەكچى بولغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟» دېگەن سۆزىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن، بالىلار بەس-بەستە ئېغىز-بۇرنىنى جەينىكى بىلەن ئېتىۋالدى.

    چوڭ سىنىپتىكى ۋۇ كېشىن ھەم تېز ھەم توغرا جاۋاب بېرىپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىچىك چولپىنى» بولۇپ باھالاندى.

 «ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈلىۋاتىدۇ. يەسلىدە، بالىلار قولىنى ئەستايىدىل يۇيالايدۇ، توپلىشىپ ئوينىمايدۇ، ناھايىتى قالتىس.» دېدى سۈن شۆبىن.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش