دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىشنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪47 ئاشتى
شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 400 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:خەلق تورىۋاقتى:2023-12-05 18:18:58

  چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز يورۇقلۇق ۋولت تۈرى ___ خۇاديەن شىزاڭ سەيپېڭ يورۇقلۇق ۋولت تۈرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر يىلى 90 مىليون كىلوۋات سائەت پاكىز توك چىقىرىلىپ، شۇ جاينىڭ قىشلىق، ئەتىيازدا سۇ تارتىلىش مەزگىلىدىكى توك ئىشلىتىش قىس بولۇش ئەھۋالى يەنىمۇ پەسەيتىلىدىكەن؛ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى دۇنيادىكى تۇنجى شامال بىلەن بېلىقچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش لەيلىمە تۈرى «دۆلەت ئېنېرگىيەسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش» سۇپىسىدا بارلىق قۇرۇلۇش ۋە قۇراشتۇرۇش تاماملاندى، لەيلىمە شامال گېنېراتورى بىلەن باقمىچىلىق ساندۇقلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ، توك چىقىرىش ۋە بېلىق بېقىش تەڭ ئېلىپ بېرىلدى...

  دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە توك تارقىتىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 2 مىليارد 810 مىليون كىلوۋات بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪12.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 540 مىليون كىلوۋات بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪47 ئاشقان، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 404 مىليون كىلوۋات بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.6 ئاشقان.

  1-ئايدىن 10-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى ئاساسلىق توك چىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ توك مەنبەسى قۇرۇلۇشىغا 662 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان توك 269 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 71.2٪ ئاشتى، شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان توك 171 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.5 ئاشتى. «شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلەردە تەرەققىيات سۈرئىتى تېز، يۈرۈشتۈرۈش سۈپىتى ياخشى، پايدىلىنىش سەۋىيەسى يۇقىرى، كەسىپ رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى» دېدى دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى چۇاڭجۈن.___ مەركەزلەشتۈرۈپ ئېچىش بىلەن تەقسىملەپ ئېچىش تەڭ تۇتۇلۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  نىڭشيا تېڭگېر قۇملۇقى يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىنىڭ 2-باسقۇچلۇق 2 مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرىدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنماقتا، «تورلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر يىلى 3 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت پاكىز توك بىلەن تەمىنلەش مۆلچەرلەنمەكتە» دېدى دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى لوڭيۈەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى نىڭشيا شىركىتى قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چاڭ جەندىڭ تونۇشتۇرۇپ.مەركەزلەشتۈرۈپ ئېچىش «چوڭ ھەم كۈچلۈك»، تارقاق ئېچىش «كىچىك ھەم گۈزەل». جېجياڭ ۋېنجوۋ تەيشۈن ناھىيەسى شىدۇڭ كەنتىدىكى سەي جياگۈينىڭ ئۆگزىسىگە 45 يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى رەتلىك تىزىلغانىدى، «ئۆيدە ئىشلەتكەندىن باشقا، ئارتۇق توكنى ئېلېكتىر تورى شىركىتىگە سېتىپ بەرگىلى بولىدۇ» دېدى سەي جيالى. ۋېنجۇدىكى بەش ناھىيە پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئۆگزىسىگە تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت ئېچىش سىناق نۇقتىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ يىل ئائىلىلەردە يېڭىدىن قۇراشتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىنغان يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %300 ئاشتى.

  9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت گېنىراتورلار سىغىمچانلىقى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى. ھازىر يېزىلاردا ئائىلىلەردە تەقسىملەنمە ۋولت ئورنىتىلغان ئائىلە بەش مىليوندىن ئېشىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ 500 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى «يەتكۈزۈش» كە كاپالەتلىك قىلىندى.

  11-ئايدا جىنشاجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى — خۇبېي ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك قۇرۇلۇشىنىڭ تۇنجى لىنىيە بۆلىكىنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى سىچۈەن گەنزىدا تاماملاندى. سىچۈەن-شىزاڭ ئىگىزلىكىنىڭ مەركىزىگە كىرگۈزۈلگەن بۇ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، ھەر يىلى ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىغا 40 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېقىن پاكىز توك يەتكۈزۈلىدۇ.

  بۇ يىلدىن بۇيان، جاڭبېي-شېڭلى، نىڭشيا-خۇنەن، قۇمۇل-چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردا يېڭىدىن ئىش باشلانغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئۆزگىرىشچان-تۇراقلىق توك قۇرۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش تېزلىتىلدى. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىغا 373 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشقان.ئېنېرگىيە ساقلاش ۋە بېسىق مەزگىلنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى «ياخشى ئىشلىتىش»كە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  گۇاڭدۇڭدا مېيجوۋ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى ماشىنا-ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش باسقۇچىغا كىردى. جەنۇب ئېلېكتىر تورى مېيجوۋ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئىككىنچى باسقۇچلۇق تۈر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جەن سەيفېڭ مۇنداق دېدى: «سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق تېخنىكىلار داۋالغۇپ تۇرغان يېڭى ئېنېرگىيەنى مۇقىم توك بىلەن تەمىنلەشكە ئايلاندۇرۇشقا پايدىلىق».

  9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش گېنىراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ سىغىمچانلىقى 50 مىليون كىلوۋاتقا يەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىلدىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ كۆلىمى داۋاملىق كېڭىيىپ، لىتىيلىق باتارېيە، قىسىلغان ھاۋا، سۇيۇقلۇق ئېقىملىق باتارېيە قاتارلىق كۆپ خىل تېخنىكا تۈرلىرىنى تېزلەشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش