دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

تىجارەت قىلىۋاتقان تارماق لىنىيە ئىچىدىكى ئۆزئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 100گە يېقىنلاشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-11-30 11:25:36

ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملار ئالدىراش بولدى

تىجارەت قىلىۋاتقان تارماق لىنىيە ئىچىدىكى ئۆزئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 100گە يېقىنلاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جياڭ يۈمېڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ تارماق لىنىيەلىرى ئىچىدىكى ئۆزئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن جەمئىي 96سى (تارماق - تارماق - شىنجاڭ سىرتى ھەم تارماق - تارماق - ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىجارەت قىلدى، 23 تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى ئىچىدە، تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىدىن باشقا، قالغان تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدا ئۆزئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بىردەك ئېچىلدى.

شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ماركېتىڭ مۇلازىمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو ۋېيلىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى «شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش» باش نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى مىليون دەرىجىلىك بەش رايون تۈگۈنى (قەشقەر، كورلا، ئاقسۇ، غۇلجا، خوتەن)نىڭ شىنجاڭ سىرتىدىكى ئاۋىياتسىيە نۇقتىلىرىنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان قىسمەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى بىلەن شىنجاڭ سىرتىدىكى ئايرودۇرۇملار ئارىسىدىكى ئاۋىياتسىيە تورىنىڭ راۋانلىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

«ھازىر بار بولغان 18 تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىدىن شىنجاڭ سىرتىدىكى دۆلەت ئىچىدىكى شەھەرلەرگە ئايروپىلان قاتنايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كورلا لىچېڭ ئايرودۇرۇمىدىن ئايروپىلان قاتنايدىغان شىنجاڭ سىرتىكى شەھەر ئەڭ كۆپ بولۇپ، 24كە يەتتى.» گو ۋېيلىڭ مۇنداق دېدى: تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن شىنجاڭ سىرتىدىكى ئايرودۇرۇملارغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئىچىدە، جېڭجوۋ، شىئەن، چېڭدۇدىن ئىبارەت ئۈچ شەھەرگە قاتنايدىغان يولۇچى تىرانسپورت مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئومۇمىي تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ %60ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

شىنجاڭ ئىچىدىكى 22 تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىدىن ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا ئايروپىلان قاتنىدى. 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئىچىدە ئۆزئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە بۆلىكىنىڭ كۈندىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان قېتىم سانى 17.2 نۆۋەتچى قېتىم بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقسۇ - غۇلجا لىنىيەسىنىڭ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ نۆۋەتچى قېتىمغا، ئاقسۇ - قەشقەر، غۇلجا - قاراماي لىنىيەسىنىڭ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى نۆۋەتچى قېتىمغا يەتتى.

بۇ يىل، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئۆزئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنى تارماق لىنىيەلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىگە تىرانسپورت كۈچى سېلىنمىسىنى زورايتىشقا ماسلاشتۇرۇپ، ئايرودۇرۇمنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى؛ تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى تىجارەت قىلىۋاتقان تارماق لىنىيەگە ئۆزئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن كىرگۈزۈپ ھەم غۇلجا ئايرودۇرۇمىدا كېچىنى ئۆتكۈزىدىغان تىرانسپورت كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، تارماق لىنىيەدە ئۆزئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى؛ چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسىنى كىرگۈزۈپ تۇرپان يارغول ئايرودۇرۇمىدا كېچىنى ئۆتكۈزۈش بازىسى تەسىس قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىسمەن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى تارماق لىنىيەلەردىن شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە شىنجاڭ ئىچىگە ئۇلاپ ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە نۇقتىلىرىنى كۆپەيتتى، مەسىلەن: ئاقسۇ - قەشقەر - جېڭجوۋ، غۇلجا - قەشقەر - چۇڭچىڭ، قەشقەر - كورلا - شىئەن، ئاقسۇ - كورلا - لەنجوۋ قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى.

قىش، ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلى ئالماشقاندىن كېيىن، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانى 645 قېتىمغا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئايرودۇرۇملىرىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىنىڭ% 55.1ىنى ئىگىلىدى. نۆۋەتتە، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن ئۈرۈمچىدە توختىماي بىۋاسىتە شىنجاڭ سىرتىغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 37سى بار.

پوقرالار ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ جۈنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇلاپ ئۇچۇش، ئايلىنىپ ئۇچۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك ئايرودۇرۇملار ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئايلىنىدىغان، شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىدىغان، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى قۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى ھالقىغان ئۇلاپ توشۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلاپ توشۇشنى قولايلاشتۇرۇش ۋە پۈتۈن مۇساپىدە بىرلىشىپ توشۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش