دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-11-30 11:27:49

«دۇنيانى زەنجىرسىمان تۇتاشتۇرۇش، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى راۋانلاشتۇرۇش»

شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ نۇقتىلىق پائالىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن «دۇنيانى زەنجىرسىمان تۇتاشتۇرۇش، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى راۋانلاشتۇرۇش» بويىچە شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭ كۆرگەزمە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى چىڭشۇاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز تەبرىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن تەمىنلەش زەنجىرى باش تېما قىلىنغان يەرشارى بويىچە تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشىپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشى ئۈچۈن يېپيېڭى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سۇپىسى قۇردى. شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى روشەن بولۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى. ھازىر، ئاپتونوم رايون بويىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئورنى ۋە رولى مەھكەم ئىگىلىنىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق قاتارلىق «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» كۈچەپ بەرپا قىلىنماقتا. بىز تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ ئوچۇق قىياپەت بىلەن بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشىنى قوللاپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

لى چىڭشۇاڭ مۇنداق بىلدۈردى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىشى جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى. ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىنىڭ جەزمەن پۈتۈن يەرشارى دائىرىسىدە كەسىپ ئىش تەقسىماتى، بايلىق تەقسىملەش، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ۋە نەتىجىدىن تەڭ بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى قوغداش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شىنجاڭنىڭ تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيىتى كۆپ مەنبەلىك، يېرى كەڭ، تاغ - دەريالىرى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل، «بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق رايون. جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشىدىكى مەقسەت دۇنياغا شىنجاڭنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان كەسىپ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىپ، كارخانىلار ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. كەڭ كارخانىچى دوستلارنىڭ شىنجاڭنى تونۇپ، شىنجاڭغا كېلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئارتۇقچىلىقىنى شىنجاڭنىڭ كەسىپ پۇرسىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن ئىبارەت تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا نازارىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ھەم جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى توغرىسىدا تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى. ئۈرۈمچى شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قورغاس شەھىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا تىجارەت - سودا مۇھىتى ۋە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سىياسىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئەلچىخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، دۆلەت دەرىجىلىك ساھە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى(جەمئىيىتى)نىڭ ۋەكىللىرى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

سۈن خۇڭمېي تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش