ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي
«مەن ئۆزۈمنىڭ مائارىپ تەپەككۇرۇم، ئوقۇتۇش ئۇسۇلۇمنى شىنجاڭدا قالدۇرۇپ، شىنجاڭ خەلقىگە تەقدىم قىلىمەن.» بۇ يىل 2 - ئايدا، خېنەن ئۆلكىسىدىن 2 - تۈركۈمدە «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا كېلىپ ياردەم بېرىۋاتقان مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەيفېڭ شەھىرى شۇنخې خۇيزۇ رايونلۇق تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ جىيىڭ شىنجاڭغا كېلىپ، يېڭى كىشىلىك ھايات مۇساپىسىنى باشلىدى.
شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتە ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچ.
8 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە مەركەز ئورۇنلىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنى ياخشى تاللاش، ياخشى ئىشلىتىش ھەم ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
«ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى
بۇ يىل 5 - ئايدا، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى تيەنجىن شەھىرىدىكى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ياردىمىدە، ۋىۋىسكا ئېسىپ جاراھەت مەركىزى قۇردى. «مەركەز قۇرۇلغاندىن كېيىن قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان ئاغرىقلارنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھەرقايسى بۆلۈملەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى ماسلاشتۇرۇپ بىرلىكتە داۋالىغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەڭ ياخشى داۋالاش مەزگىلىنى قولدىن بېرىپ قويمايدۇ» دېدى بۇ دوختۇرخانا سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى مەمتىمىن مەتتۇردى. داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ پەن سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش تۈرلىرىنى تېخىمۇ تولۇقلىدى، دوختۇرخانىنىڭ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش ئىقتىدارى ۋە خىزمەت ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.
شىنجاڭغا داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى ئارقىلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويدى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى «1 + 7» بويىچە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان دوختۇرخانىلارنىڭ 149 مەخسۇس بۆلۈمىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، 17 مەخسۇس بۆلۈم، ۋىلايەت دەرىجىلىك 31 نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈمنى يېڭىدىن قۇرۇپ، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللىكلەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مەركىزىدىن 24نى قۇرۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈردىن 839نى قانات يايدۇردى. «ئېغىر كېسەللىكلەرنى ئاپتونوم رايوندىلا داۋالاش، ئوتتۇراھال كېسەللىكلەرنى ۋىلايەت - ئوبلاست - شەھەردىلا داۋالاش، كىچىك كېسەللىكلەرنى ناھىيە - شەھەر - رايوندىلا داۋالاش» نىشانى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.
شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنىڭ ياردىمىدە، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان دوختۇرخانىلارنىڭ باشقۇرۇش ئەندىزىسى كۈنسېرى ئىنچىكىلەشتى، داۋالاش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى سىجىل زورايدى، داۋالاش بويىچە ئۆمەك تەشكىللەشنىڭ ئۈنۈمى سىجىل قويۇپ بېرىلدى.
شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى ئەقلىي كۈچ ئەۋزەللىكى ۋە ياردەم بەرگۈچى تەرەپنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «1 + 7» بويىچە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان دوختۇرخانىلارنى باشلامچى قىلىپ، تىك لىنىيەلىك داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىنى تەشكىللەپ قۇردى، 61 ناھىيە - شەھەر - رايوننى، 83 يېزا - بازارنى، 1185 كەنت (مەھەللە)نى قاپلىدى. زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، « 1 + 7» بويىچە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان دوختۇرخانىلار بىلەن ياردەم بېرىۋاتقان 94 دوختۇرخانا، 66 ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانا، 299 يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەمكارلىق تورىنى تەشكىللەپ قۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، 52 مىڭ ئادەم قېتىم يىراق مۇساپىلىك كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشنى قانات يايدۇردى، ئەلا سۈپەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش بايلىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى.
شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە مەركەز ئورۇنلىرى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى بويىچە «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇپلا قالماي، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، كەسىپ تەرەققىياتى، باغچە رايونىنى باشقۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىمۇ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، كېڭەيتتى.
شىنجاڭ ئوخشاش بولمىغان تاللاپ ئەۋەتىش يوللىرى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، 200گە يېقىن مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، بۇ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدىن ئالىي مائارىپقىچە بولغان ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلاپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.
ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقى زورايدى
يېزا - كەنت پەن - تېخنىكا كۈچ قوشۇش مەركەزلىرى قۇرۇلۇپ سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلدى؛ شوۋگۇاڭدىن «يەرلىك مۇتەخەسسىس» تەكلىپ قىلىنىپ، ئىلغار تېخنىكىلاردىن ئۈلگە كۆرسىتىلدى ۋە ئىلغار تېخنىكىلار ئۆگىتىلدى... شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بويىچە كىرگۈزۈلگەن جانلىق ئىختىساسلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەشقەر كوئېنلۇن كۆكتاتچىلىق كەسپى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ ۋېي قەشقەردە ئۈچ يىلغا يېقىن كۆكتات تېخنىكىسى مۇلازىمىتى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جاي ئۈچۈن ئەلا سورتلۇق كۆكتات سورتلىرىنى كىرگۈزۈپ يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى.
ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلارغا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە مەركەز ئورۇنلىرى شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىپ، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 1012نى يولغا قويۇپ، مەسلىھەتچىلەر يېتەكچىلىك قىلىش، تېخنىكىدا بىرلىشىش، تۈرلەردە ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يوللىرىدىن پايدىلىنىپ، 47 مىڭدىن كۆپرەك يۇقىرى قاتلاملىق ھەم جىددىي ئېھتىياجلىق، كەمچىل ئىختىساسلىقلارنى جانلىق كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش، قىس بولۇش قىيىن مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى كۈچلۈك ئەقلىي كۈچ تىرىكى ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
بۇنىڭ ئىچىدە، فۇجيەن ئۆلكىسى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىدىن 126 كىشىنى جانلىق تاللاپ ئەۋەتتى، ئۇلار شىنجاڭغا كېلىپ يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق كەسپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىدىن 429نى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، «داڭلىق، ئەلا، خاس، يېڭى» سورتتىن 271نى كىرگۈزۈپ، 150 تۈرلۈك ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكىنى كېڭەيتتى.
دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دورا نازارەتچىلىكى سىستېمىسى بايلىقىنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ، ئۈچ تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 66 كادىر، ئىختىساسلىقنى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا جانلىق تاللاپ ئەۋەتىپ، شىنجاڭنىڭ دورا نازارەتچىلىك - باشقۇرۇش ئىشلىرى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.
كەمچىل ئىختىساسلىقلار كىرگۈزۈلدى، شۇ جايدىكى ئىختىساسلىقلار سىرتقا چىقىرىلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە مەركەز ئورۇنلىرى يەنە ياردەم قىلىش، يېتەكلەش، يۈكسەلدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش تۈرىنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، «كىرگۈزۈش» «چىقىرىش» ئارقىلىق شىنجاڭدىكى تۈرلۈك كادىر، ئىختىساسلىقلاردىن 2 مىليون ئادەم قېتىمدىن كۆپرەكنى تەربىيەلىدى، 3500دىن كۆپرەك كادىر، ئىختىساسلىقنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا، ئۆگىنىشكە تاللاپ ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
شاڭخەي شەھىرى قاراماي شەھىرىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، «شاڭخەي - قاراماي زىيارەتچى ئالىملار» قاتارلىق داڭلىق تەربىيەلەش تۈرلىرىنى بەرپا قىلدى، شاڭخەي شەھىرىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، باغچە رايونىدىكى كارخانىلارغا بېرىپ ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلىنىشكە 1700دىن كۆپرەك ئادەم قېتىم تاللاپ ئەۋەتىلدى.
ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىياسىتىنى شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى چېنىقتۇرۇش، يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭدىكى يەتتە كادىرنى ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ غەربىي شىمال نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ ئۆگىنىش، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا قوبۇل قىلدى، تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسى، كەسپىي لېكسىيەدىن 51 مەيدان قېتىم ئۆتكۈزۈپ، 3000دىن كۆپرەك ئادەم قېتىمنى تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈچۈن بىر «مۇھىت قوغداش پولات قوشۇنى» بەرپا قىلىپ بەردى.
جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار «ئاكادېمىكلارنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى سەپىرى» «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشچان جۇڭگو» تېمىسىدىكى ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شىنجاڭ سەپىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، 144 ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسنى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدى، ئاپتونوم رايون بىلەن ئاكادېمىيەلەر ھەمكارلىق كېلىشىمىدىن 12نى ئىمزالاپ، ئاپتونوم رايون - ئاكادېمىيە ھەمكارلىق كومىتېتى ۋە شىنجاڭ ئاكادېمىكلار بىرلەشمىسى قۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ شىنجاڭدا يۆتكىلىشى، ئايلاندۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
2021 - يىلى جياڭسۇدا ئالماشتۇرۇش - ئۆگىنىشتە بولغان ئون كۈننى ئەسلىگىنىدە، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئاقتۇ بازىرى قايچا ئېرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ماھىرە سىدىق يەنىلا ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بېرىپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتىكى ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەجرىبىلەرنى ئۆگەندىم، بۇنىڭ گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى ئاتلىنىشىمغا ياردىمى بولدى».
شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سەھنىسىدە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى
ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولى، بىر ئۆمۈر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش رىشتىسى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى باشتىن - ئاخىر قىممەتلىك بايلىق دەپ بىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە قويۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش چوڭ سەھنىسى قۇرۇپ، باشقۇرۇش، غەمخورلۇق قىلىش قاتتىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارغا ھەر ۋاقىت غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇردى.
شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سەھنىسىگە ئاتلىنىپ، شىنجاڭنى ئائىلەم دەپ بىلىپ، ئەڭ تولۇپ تاشقان روھىي ھالىتى، ئەڭ ياخشى خىزمەت ئىستىلى، ئەڭ چوڭقۇر سەمىمىي ھېسسىياتى بىلەن ئەقلىي كۈچ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى، بارلىق كۈچىنى ئىشقا سالدى.
«ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتىنى تىيانشانغا بېغىشلىدى. سادىقلىق بىلەن پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، مائارىپ ئىشلىرىغا كۈچ قوشتى.» 2021 - يىلى «تىيانشاننى ئوزۇقلاندۇرۇش − 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش» باش تېمىسىدىكى خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىدە سۇجوۋدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى خۇڭ مىننىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا مەدھىيە» دېگەن ئەسىرى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. «مەن بۇ خەتتاتلىق ئەسىرىم ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خالىس ئۆزىنى بېغىشلىشىغا مەدھىيە ئوقۇماقچى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمنى ئىپادىلىمەكچى» دېدى خۇڭ مىن.
«<تىيانشاننى 10="" 100="" -=""> باش تېمىسىدىكى خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى» «قەلبلەر تىيانشاننى نۇرلاندۇردى − 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ<20 -="">باش تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى» «مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان تىيانشان − 10 - تۈركۈمدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى» «تىيانشاننى كۈيلەش − 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار باش تېمىسىدىكى ماقالە قوبۇل قىلىش»... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاش، مەخسۇس تېمىدىكى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئارقىلىق 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلارنىڭ جاسارەتلىك، مەردانە قىياپىتىنى جانلىق نامايان قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى شۇ جايدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ۋە شىنجاڭ كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى بويىچە ئالماشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، كۆكتوقاي قىزىل روھى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چېگرا رايونغا مۇلازىمەت قىلىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.
جۇڭگو - ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇر، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا بۆرەك كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زوۋ گۇمىڭ 11 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار سەككىز كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: كەسپىي ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى بويىچە «ياردەم بەرگۈچى، يېتەكلىگۈچى»، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشتىكى «ئالاقىچى»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى «نەمۇنىچى»، گۈزەل شىنجاڭنىڭ «تەشۋىقاتچىسى» بولىمەن.
سىياسىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈلدى، خىزمەت جەھەتتە مەدەت بېرىلدى، تەمىنات جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈلدى، تۇرمۇش جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىندى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن، شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تالانتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلاندى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش