ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرلىرىمىز جاڭ لۇ، ليۇ لى خەۋەر قىلىدۇ) 9 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنىدىن 11 ـ كۈنىگىچە شىنجاڭ قۇمتام يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەشيا ئوبوروت باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسىدە «مېۋە ـ چېۋىلەرنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىپ مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، كەسىپلەرنى روناق تاپقۇزۇش ئارقىلىق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېما قىلىنىپ، 500دىن ئارتۇق كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنىدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 60 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ سودا يەرمەنكىسىگە 1000 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات قاتناشتۇرۇلىدۇ، بۇ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى 200دىن ئارتۇق سودىگەر مال سېتىۋالغىلى كېلىدۇ.
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شيەنفۇ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسىنىڭ دائىرىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كېڭەيتىلدى، كۆرگەزمە ئورنى بۇلتۇرقى 300دىن 500 نەچچىگە كۆپەيتىلدى، ئۆي كۆرگەزمە رايونى، ئاپتوموبىل كۆرگەزمە رايونى، يېمەك ـ ئىچمەك كۆرگەزمە رايونى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان شەھەرلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونى، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش رايونى قاتارلىقلار يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ باشلامچى كارخانىلىرى ۋە باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنى كۆرگەزمىگە تەكلىپ قىلدۇق، «شىنجاڭ بويىچە سېتىۋېلىش، مەملىكەت بويىچە سېتىش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. سودا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش پائالىيىتى، كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، مەخسۇس تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، تور سىرتىدا كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش بىلەن بىللە، جېجياڭ تور يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى «ئاقسۇ سارىيى» ۋە بۇلۇت سودا سۇپىسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىمىز، شىنجاڭ سىرتىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى توردا تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانا (ھەمكارلىق كوپىراتىپى)نى توردا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئېچىشقا پائال يېتەكلەيمىز.
ۋىلايىتىمىز جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، يېرى كەڭ، سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول بولغاچقا، سورتى ئۆزگىچە، سۈپىتى ئەلا، خاسلىقى روشەن زور بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، دۆلىتىمىز بويىچە مۇھىم تاۋار پاختا بازىسى، شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئاشلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە بازىسى، «جۇڭگو خۇڭفۇشى ئالما ماكانى» ۋە «جۇڭگو كىشمىشئۆرۈك ماكانى» دېگەن گۈزەل ناملارغا ئېرىشتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى خەسە ياڭاق، چىلان ۋە نەشپۈت قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك، خاس مېۋىلەر ئاساسلىق چىقىدىغان رايونغا ئايلاندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل بايلىققا تايىنىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆلەم ئەۋزەللىكى، سۈپەت ئەۋزەللىكىنى بازار ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى. بۇ يىل، ۋىلايەت بويىچە باغ ـ ئورمان كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ موغا مۇقىملاشتى، مېۋىگە كىرىش كۆلىمى 4 مىليون 355 مىڭ موغا يېتىپ، باغ ـ ئورمان كەسپىدە كۆلەم ئەۋزەللىكى سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ئۆزگىرىش ئىشقا ئېشىپ، ماركا قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، سېتىش يوللىرى ئۈنۈملۈك كېڭەيدى.
بۇنىڭدىن كېيىن، ۋىلايەت مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، خاس باغ ـ ئورمان كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە تىجارەت ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، يېشىللاشتۇرۇشقا مەبلەغ سېلىش، زامانىۋى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچەپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى قاتتىق ئىگىلەپ، باغ ـ ئورمان مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنى باي ـ باياشات قىلىشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش