ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ خۇڭشيا خەۋەر قىلىدۇ) 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە، ۋىلايەت سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 512 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىم سوممىسى 147 مىليارد 649 مىليون يۈەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 451 تۈردە ئىش باشلىنىپ، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش نىسبىتى %88.09كە يەتكەن.
9 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، كەلپىن ناھىيەسىدىكى توفېڭ سارىيى (B بىناسى)نىڭ ئۆگزىسى يېپىلىپ، سۇ، توكنى يۈرۈشلەشتۈرۈش باسقۇچىغا كىردى.
توفېڭ سارىيى A بىناسى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى كۆپەيتىش بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرى بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 12 مىڭ 300 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بۇ بازا كەلپىن ناھىيەسىگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ھەم ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش بوشلۇقىنى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ چىققان پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشىغا مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ بېرىدۇ. B بىنا سودا مېھمانسارىيى قۇرۇلۇشى تۈرى بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 22 مىڭ 200 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، يېمەك ـ ئىچمەك، ياتاق، قاتناش، كۆڭۈل ئېچىش ئىستېمالىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، A بىنا بىلەن سودا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلايدۇ.
كەلپىن شەھەر تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىش ـ قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر شۈ چياڭ مۇنداق دېدى: تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يېتىشتۈرۈش، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك ـ ئىچمەك، ياتاق بىر گەۋدە قىلىنغان سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
كەلپىن ناھىيەسىنىڭ توفېڭ سارىيى تۈرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىنىڭ بالدۇر ئەمەلىيلەشكەنلىكى، بالدۇر ئىش باشلانغانلىقى، بالدۇر قۇرۇلغانلىقى، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىر تۈركۈم چوڭ، ئەلا، كۈچلۈك، كىچىك، ئالاھىدە، سەرخىل تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ قۇرۇلۇش باشلىنىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى مول نەتىجىلەر ئارقىلىق ۋىلايىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يارقىن سەھىپىسى پۈتۈلدى.
ۋىلايەت «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق تۈرلەرگە چىڭ قادالدى، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلار جانلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، رەھبەرلەر ئۆمەك باشلاپ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ سودىگەر چاقىرىشنى كۆپ قېتىم قانات يايدۇرۇپ، تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنىڭ دەل جايىدىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇردى. ۋىلايەتنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇشى بىلەن، ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، مەسئۇل رەھبەرلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشلامچى بولۇپ شۆبە ئەترەتلەر سودىگەر چاقىرىشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنى ۋىلايىتىمىزگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەكلىپ قىلىپ، قويۇق سودىگەر چاقىرىش كەيپىياتى ياراتتى.
ۋىلايەت تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى سىجىل تۈردە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ياخشى تۇتۇشنىڭ «جان تومۇرى» قىلىپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتىنى «بىرىنچى ئۆلچەم»، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى «بىرىنچى سىگنال» قىلىپ، دىققەتنى كارخانىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان «قىزىق نۇقتا»لارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشتىكى «ئاغرىق نۇقتا» مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنىڭ «توسۇق نۇقتا»لىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىچى دوستلارنىڭ «ئەڭ ياخشى شېرىكى»گە ئايلىنىپ، «سودىگەرلەرنى يېقىن كۆرۈش، سودىگەرلەرنى تۇتۇپ قېلىش، سودىگەرلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش، سودىگەرلەرنى ھۆرمەتلەش، سودىگەرلەرنى چۈشىنىش» قويۇق كەيپىياتىنى ياراتتى.
كېيىنكى قەدەمدە، ۋىلايەت «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى تۈزۈشنى تېزلىتىپ، ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ ئۆز جايىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئىلمىي تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ناھىيە رايونلىرىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا كارخانىلارنى ۋىلايىتىمىزگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، مۇددىئا خاراكتېرلىك نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ تېز ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش