دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى خوتەندە دۆلىتىمىزدە ياسالغان ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئۈچى كۆپەيتىلىدۇ دۆلەت دەرىجىلىك! ئۈرۈمچى ناھىيەسى دۆلەتنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيەلەر تىزىملىكىگە كىردى شىنجاڭ مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۇچۇرلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش نۇقتىسىدىن 119نى تەسىس قىلدى 9- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدىكى بارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە يۈك- تاقنى ھەقسىز ھاۋالىلىك توشۇش ۋە ئايروپىلاندا يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-09-19 16:45:26

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز خۇ شياۋشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ساۋ شياڭبو خەۋەر قىلىدۇ) 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار، تىپىك ئىش ئىزلىرى ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىتتىپاق، ئىناق، مەدەنىي، باي، گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى مەرىيەم ئىسمايىل يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەتتار تۇرسۇن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

قۇربان نىياز كۆپ يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقا كۈچەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا تۆھپە قوشۇپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 7 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس، ئىسلاھات ئاۋانگارتى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، تارماقلار قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭ بويىچە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش دولقۇنىنى ئالدىن قوزغاپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتى، ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىگە ھەقىقىي بىرلەشتۈرۈپ، ئۈلگىدىن مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسى، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇشقا تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قۇربان نىيازنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىقنى قوغداش ھېسسىياتىدىن ئۆگىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باشلامچى بولۇپ، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشنى كۈچەيتىپ، باشتىن ـ ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. قۇربان نىيازنىڭ باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇش، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش روھىدىن ئۆگىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بايلىقىنى قېزىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە سۆز ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باشتىن ـ ئاخىر جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بولۇش كېرەك. قۇربان نىيازنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنى كۆزلەشتەك پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە زىچ يېقىنلىشىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بىلەن ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، «يۇقىرىدا پارتىيەنىڭ قەلبى بىلەن تۇتىشىش، تۆۋەندە خەلقنىڭ قەلبىگە ئۇلىنىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ سىردىشى بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شەكلى ھەر خىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئىلغار تىپلارنى پائال قېزىپ، ئۈلگىلەرنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈلگىنىڭ كۈچىنى ۋىلايىتىمىزنىڭ مۇقىملىق، ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى توغرىسىدىكى تەشۋىقات فىلىم قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى ئورگىنىدىكى كادىرلار قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىشنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر ـ كادىرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەسقەر توختىيۈسۈپ، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چاڭ يۈشۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى رەن ۋېي قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن سىنلىق شەكىلدە ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرگىچە ئېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش