دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭ قورغاس تۆمۈريول پورتىدىكى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سۈرئىتى «تېزلەشتى»
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2023-09-12 12:18:32
9-ئاينىڭ 6-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قورغاس ۋوگزالىدىكى يۆتكەپ قاچىلاش ئامبىرى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

    9-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ قورغاس تۆمۈريول پورتى داۋاملىق ئالدىراش بولۇپ، ھەر كۈنى قاتنايدىغان جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 20دىن ئاشتى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، 2023-يىلى قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 5156 قېتىم قاتناپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئاشقان.

    نۆۋەتتە، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى جەمئىي 30 مىڭدىن ئېشىپ، قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 78گە يېتىپ، چېگرا سىرتىدىكى 18 دۆلەت، 45 شەھەر ۋە رايونغا تەسىر كۆرسەتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى، خەۋىرى

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، قورغاس ۋوگزالىنىڭ يۆتكەپ قاچىلاش ئامبىرىدا، كىران ئاپتوموبىلغا قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 18دە، قورغاس ۋوگزالى يۈرۈشتۈرۈش سېخى پاراۋۇز گۇرۇپپىسىنىڭ چەت ئەلگە چىقىدىغان پاراۋوز شوپۇرى چېن لىن يېتىپ كېلىش-چىقىش لىنىيەسىدە پويىزنىڭ ئالدى تەرەپتىكى يولنى جەزملەشتۈرۈپ يولغا چىقىشقا تەييارلانماقتا.

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، قورغاس ۋوگزالىدىكى يۆتكەپ قاچىلاش ئامبىرىدا 10 لىنىيە ئالمىشىپ قاماللاش ماشىنىسى پارچە دۆۋىلەپ قويۇلغان ماللارنى يۆتكەپ قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، قورغاس تۆمۈريول پورتى ۋوگزالىنىڭ بىرلەشمە تىرانسپورت زالىدا، ئېكسپورت مال توشۇغۇچى لۈ سىچى (سولدا) خېرىدارلارغا خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورت تالونىنى تۈزىتىش كەسپىنى بېجىرىپ بەرمەكتە.

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، سۈرەتكە تارتىلغان قورغاس ۋوگزالىدىكى يۆتكەپ قاچىلاش ئامبىرى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

قورغاس ۋوگزالىنىڭ ئۆلچەملىك رېلىسلىق مەيدانىغا بوشلۇقتىن نەزەر (9-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، قورغاس ۋوگزالىنىڭ يۆتكەپ قاچىلاش ئامبىرىدا، قاچىلاش-چۈشۈرۈش ئىشچىسى ۋاڭ شياۋپىڭ كىرانغا قوماندانلىق قىلى يۈك ساندۇقىنى قاچىلاش-چۈشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، قورغاس ۋوگزالىنىڭ يۆتكەپ قاچىلاش ئامبىرىدا، كىران ئاپتوموبىلغا قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش