دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەتلىك ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2023 ـ يىلى 1 ـ قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى
​ئورمان باشلىقى تۈزۈمىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-09-12 12:11:42

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. 9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2023 ـ يىلى 1 ـ قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورمان باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار قارالمىلارغا قاراپ چىقىلدى، يېقىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئورمان باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورمان باشلىقلىرى ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئورمان باشلىقى ئورمان چارلاش ـ ئورمان تەكشۈرۈش، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى باشقۇرۇش، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزدە ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىشتىن ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ئۆتۈشىنى ئالغا سىلجىتتى. قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئورمان، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىدىن ئىلمىي پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «يېشىللىقنى قوغداش، يېشىللىقنى كۆپەيتىش، يېشىللىقتىن پايدىلىنىش، يېشىللىقنى جانلاندۇرۇش» خىزمىتىنى سىجىل كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. «يېشىللىقنى قوغداش» جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تەبىئىي ئورمان، ئاممىۋى مەنپەئەت ئورمىنىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكى، قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. «يېشىللىقنى كۆپەيتىش»كە كۈچەپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شەھەر ـ بازارلارنى كۆكەرتىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەنتلەرنى كۆكەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ۋە ئوتلاق ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ قاپلاش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. «يېشىللىقتىن پايدىلىنىش»تا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئورماننىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئوتلاقنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات پەرقلىق بولۇش، كەسىپلەر يۇغۇرۇلۇش، مەھسۇلاتلار ماركىلىشىشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. «يېشىللىقنى جانلاندۇرۇش»تا يېڭىلىق يارىتىپ، ئورمان، ئوتلاق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا مۇلازىمىتى ئىقتىدارى ۋە كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات پايدىسى، يېڭىلىق يارىتىش پايدىسىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئورمان»دىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، «باشلىق»تىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچقا چىڭ قادىلىپ، «تۈزۈم»دىن ئىبارەت بۇ كاپالەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىقلىقى، ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ئورمان باشلىقى تۈزۈمى»دىن «ئورمان باشلىقى تۈزەش»كە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن ئەنۋەر مۆمىن، جيا جىڭلېي، گو تاۋ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش