دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2023 ـ يىلى 34 ـ قېتىملىق (ئەزالار) كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلدى
​تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولغان گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-09-12 12:13:14

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. 9 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2023 ـ يىلى 34 ـ قېتىملىق (ئەزالار) كېڭەيتىلگەن يىغىنى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھى، مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرى ۋە ھۆججەتلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئالاقىدار قارالمىلارغا قاراپ چىقىلدى، يېقىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ پۇختا تەدبىر ئارقىلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پىلانلىشى ۋە ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشى كېرەك. قانۇن ـ نىزامغا ئاساسلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولغان گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتكى تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پوزىتسىيەنى توغرىلاپ، ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىي ئۆزگەرتىپ، «ساقلاپ تۇرالماسلىق»، «سۆرەلمىلىك قىلىشقا بولماسلىق»، «ئولتۇرالماسلىق»تەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ تەلىپى ۋە بېكىتىلگەن ۋاقىت تۈگۈنىگە ئاساسەن، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى سۈپەتكە، مىقدارغا كاپالەتلىك قىلىپ ۋاقتىدا تاماملاش كېرەك. تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇھىم، زور مەسىلىنى ئۆزى سۈرۈشتۈرۈش، نۇقتىلىق ھالقىلارنى ئۆزى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىش ۋەزىپىسىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتنى كۆرۈش، تېگى ـ تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ مەنبەسىنى ئېنىقلاش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نۇقتىدىن دائىرىنى، تاشقى ھادىسىدىن ئىچكى ماھىيەتنى چوڭقۇر تۈزىتىپ، كۆزىتىشنىڭ «كېيىنكى خىزمەتلىرى»نى ھەقىقىي ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا قارالمىلار مۇزاكىرە قىلىندى ۋە قاراپ چىقىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش