دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-09-11 11:20:32

2023( 12 ـ نۆۋەتلىك) ئۆزبېكىستان − جۇڭگو شىنجاڭ تاۋار كۆرگەزمىسى ئاياغلاشتى

كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، تاشكەنت، 9 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ئۈچ كۈن داۋاملاشقان 2023(12 ـ نۆۋەتلىك) ئۆزبېكىستان − جۇڭگو شىنجاڭ تاۋار كۆرگەزمىسى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەرقايسى كارخانىلىرى، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن جەمئىي 22 مۇددىئا توختامى ئىمزالىدى، كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد 818 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، مەدەنىيەت ـ ساياھەت تۈرلىرى قاتارلىق خاس، ئەۋزەل ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كېلىشىم ئىمزالاش كۆلىمى جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

كۆرگەزمە مەزگىلىدە، يەنە جۇڭگو شىنجاڭ − ئۆزبېكىستان كارخانىلىرى ئىقتىساد ـ سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى كارخانىلار، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن 14 مۇددىئا توختامى ئىمزالىدى، كېلىشىم سوممىسى 4 مىليارد 146 مىليون يۈەنگە يەتتى.

كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، مەزمۇنى كۈنسېرى بېيىدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ كۆرگەزمە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى داڭلىق ماركىلىق كۆزگەزمىسىگە ئايلىنىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ كۆرگەزمە رايونى كۆلىمى ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك كۆرگەزمىلەردىن خېلىلا ئېشىپ، 5000 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، جۇڭگو شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى كۆرگەزمە رايونى، شىنجاڭ كارخانىلىرى كۆرگەزمە رايونىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بۆلەك تەسىس قىلىندى، كېلىشىم سوممىسى، كۆرگەزمە ئورنى كۆلىمى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ سانى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان خادىملار سانى ۋە كۆرگەزمە مەزمۇنىغا چېتىلىدىغان ساھە جەھەتتە بىردەك تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

كۆرگەزمىنىڭ سۇپىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە يەنە ئوخشاش مەزگىلدە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىكلىرىنى تونۇشتۇرۇش، قىزىل ھاراق باھالاش، چاي سەنئىتى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش، جۇڭيى تېبابىتىنى كېڭەيتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرى ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق شۇ جايدىكى كۆرگەزمە كۆرگۈچىلەرنىڭ قاتنىشىش تۇيغۇسى ۋە ھېس قىلىش تۇيغۇسى ئۆستۈرۈلدى.

شىنجاڭ خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ يىمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەرنى ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىنىپ، كارخانىلارغا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش كۈچەيتىلىپ، كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، كۆرگەزمە جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستان، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش