دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت «ئانىلار پوسۇلكىسى»نى تارقىتىش ۋە 2023 ـ يىللىق «9 ـ سېنتەبىر ئاممىۋى پاراۋانلىق كۈنى» پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-09-11 10:56:19

     ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز جاڭ لۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فەن خەيلى خەۋەر قىلىدۇ) 9 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ۋىلايەت «ئانىلار پوسۇلكىسى»نى تارقىتىش ۋە 2023 ـ يىللىق «9 ـ سېنتەبىر ئاممىۋى پاراۋانلىق كۈنى» پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىمدا، ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋىلايىتىمىزدىكى ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە مېھرىبان كىشىلەرگە تەشەببۇسنامە چىقىرىپ، كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنى پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، ۋىلايىتىمىزدىكى قىيىنچىلىقتا قالغان ئاياللار ۋە بالىلارغا مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈشكە چاقىردى.

ئىگىلىنىشىچە، «9 ـ سېنتەبىر ئاممىۋى پاراۋانلىق كۈنى» تېڭشۈن ئاممىۋى پاراۋانلىق خەيرىيەت فوندى جەمئىيىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى، ئابۇنىچىلار، كارخانىلار ۋە تاراتقۇلار بىلەن بىرلىشىپ يولغا قويغان، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالاقە تورى ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ يىل ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى جۇڭگو بالىلار، ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتىنىڭ «باھار غۇنچىلىرى پىلانى» ۋە جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ «ئانىلار پوسۇلكىسى»دىن ئىبارەت ئىككى تۈرنى بېكىتىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان تېخىمۇ كۆپ ئاياللار، بالىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «9 ـ سېنتەبىر ئاممىۋى پاراۋانلىق كۈنى»دىن پايدىلىنىپ ئىئانە توپلىدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى سائەت 10دىن 9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى سائەت 18گىچە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەرقايسى ئورۇنلار «بىرلىكتە ئىئانە قىلىش» پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە مېھرىبانلار كوللېكتىپى تەشكىللەش ئارقىلىق ئىئانە توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ، شەخسلەر ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق ئىئانە قىلسا بولىدۇ. ھەر قېتىملىق ئىئانە سوممىسى بىر يۈەندىن تۆۋەن بولمىغانلار تېڭشۈن ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىختىيارىي سوممىلىق ئىئانە ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ، ھەربىر ئادەم ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 999 يۈەنگە ئېرىشەلەيدۇ، ئاۋۋال ئىئانە قىلغانلار بۇ پۇرسەتكە ئاۋۋال ئېرىشىدۇ، ئىئانە ياردىمى تۈگىگىچە بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ تۈرنىڭ 1:0.5لىك مۇقىم نىسبەتتىكى ئىئانە ياردىمىگىمۇ ئېرىشەلەيدۇ.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى يۈ گومىڭ پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش