ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ چۇنفا قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا «دۆلەت مۇزېيى زالى»نىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش ۋە «قەدىمكى ئەسۋاب - جابدۇق قۇيمىچىلىق تارىخى − برونزا بۇيۇملىرىدىكى قەدىمكى جۇڭگو» كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىنىڭ مۇزېي باشلىقى ۋاڭ چۇنفا بىللە يوپۇق ئاچتى.
ۋاڭ چۇنفا تەبرىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ جۇڭگو دۆلەت مۇزېيى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدىغان نۇقتىلىق رايون. 2022 - يىلى 8 - ئايدا، جۇڭگو دۆلەت مۇزېيى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا «دۆلەت مۇزېيى زالى» تەسىس قىلىپ، ئۇنى دۆلەت مۇزېيىنىڭ شىنجاڭغا نادىر ئەسەرلەرنى يەتكۈزۈپ كۆرگەزمە قىلىدىغان مۇقىم سورۇنى قىلىشنى بېكىتتى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە «دۆلەت مۇزېيى زالى» ئېچىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى كۆرگەزمە بولۇپ، دۆلەت مۇزېيىدا ساقلانغان برونزا بۇيۇملارنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى ئۇزاق، تۈرى مول، شەكلى كۆپ خىل، كۆلىمى ناھايىتى زور بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەربىر ئاددىي، ھەيۋەتلىك، ئۇزاق تارىخقا ئىگە قىممەتلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇھىم بۇيۇملىرى ئارقىلىق، تۈمەنلىگەن ئېقىنلار دېڭىزغا قۇيۇلۇشتەك تارىخىي مۇقەررەرلىكنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىنى سىستېمىلىق نامايان قىلىدۇ. ئاممىنىڭ «دۆلەت مۇزېيى زالى»دىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن، ئائىلە دۆلەت بىر گەۋدىلەشكەن مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، مىللەت ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ «دۆلەت مۇزېيى زالى» جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىنىڭ تۇنجى قېتىم مۇزېي سىرتىدا دائىملىق نادىر كۆرگەزمىلەر كەسپى زالى تەسىس قىلىشى، دۆلەت مۇزېيىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى. بىز «دۆلەت مۇزېيى زالى»نىڭ تەسىس قىلىنىشىنى پۇرسەت بىلىپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر كۆرگەزمىلەرنى سىجىل كىرگۈزۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇزېي ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ مول بولغان كۆرگەزمە، تېخىمۇ يېڭى شەكىللەر ئارقىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى ۋە دەۋر روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەيمىز.
«قەدىمكى ئەسۋاب - جابدۇق قۇيمىچىلىق تارىخى − برونزا بۇيۇملاردىكى قەدىمكى زاماندىكى جۇڭگو» كۆرگەزمىسىدە جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان برونزا بۇيۇملاردىن 160 نەچچە دانە (گۇرۇپپا) كۆرگەزمە قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك بۇيۇمدىن 34 دانە بار. شياڭۋىنناۋ، زوسى بەنيەن، تيەنۋاڭگۈي، جىڭبويوۋ، ليۇۋنيەن دىياۋشېڭگۇي، شىيوۋگۇي قاتارلىق قىممەتلىك بۇيۇملار ئارقىلىق، ئاممىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىشكە يېتەكلەيدۇ.