ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يىن لۇ، ليۇ مېڭمېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئۇنىۋېرسال غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە سارىيى − شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمى ھەم ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشىدا، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قۇرۇلۇشىدا ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى خۇڭگۇاڭشەن كۆرگەزمە يولىنىڭ شەرق تەرىپىدە ئىش باشلاندى. شىنشىجيې جۇڭگو يەر مۈلۈك چەكلىك شىركىتى ياردەم قىلىپ قۇرىدىغان بۇ ساراينىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 13 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنى تاماملاش پىلانلاندى.
نۆۋەتتە، شىنجاڭدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىدىن 5425ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە، 94ى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى تىزىملىكىگە، 315ى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
«شىنجاڭدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقى مول، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، مەركەزلىك، مۇقىم سورۇن ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئۇزاق مۇددەت سىستېمىلىق ئورۇنداپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي يۇرتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۈيجۈن.
پۈتكەندىن كېيىنكى شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىدا شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ھەم دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرى تولۇق نامايان قىلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى خاتىرىلەش، ساقلاش نەتىجىلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. ساراينىڭ فۇنكسىيەلىك تەسىس قىلىنىشىدىمۇ جانلىق كۆرگەزمە قىلىش، ۋارىسلىق قىلىش بويىچە ئوقۇتۇش، ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش، تەتقىقات ـ ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلەش، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ساياھەت بىلەن ئېكسكۇرسىيەنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى پائال ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى زامانىۋى تۇرمۇشقا كىرگۈزۈلىدۇ.
شىنشىجيې تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئۇزاق مۇددەت ئەھمىيەت بەرگەن ھەم مەبلەغ سالغان بولۇپ، تۈرلەرنى ئېچىش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەھەتتە مول ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە. بۇ شىركەت بېيجىڭدىكى ساۋ شۆچىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيى تۈرى، شياڭگاڭ خۇاڭدۇ تىياتىرخانىسى تەربىيەلەش تۈرى قاتارلىقلارنى تاماملىغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلدى.
شىنشىجيې تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، شىنشىجيې جۇڭگو يەر مۈلۈك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە مەمۇرىي باش دىرېكتورى خۇاڭ شاۋمېي مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش شىنشىجيې جۇڭگو يەر مۈلۈك چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىدىكى مۇھىم ئەمەلىيەت، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يېڭى ئېگىزلىكى، ساياھەت يېڭى نام كارتىسىنى يارىتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، دۇنياغا ھەقىقىي، گۈزەل، رەڭدار شىنجاڭنى نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ يىل 2 ـ ئايدا، جۇڭگو ھۈنەر ـ سەنئەت سارىيى، جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قۇرۇلۇشىدا ھەرقايسى تەرەپلەرگە كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنى خۇانەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى خې جىڭتاڭ قۇرۇلۇش ئىجادىيەت يۇرتى لايىھەلىگەن، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، خۇانەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئارخىتېكتورى خې جىڭتاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنىڭ لايىھەلىنىش ئۇسلۇبىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سەلتەنەتلىك سالاپىتى نامايان قىلىنغان، سارايدىكى چوڭ زالدا 56 تۈۋرۈك بولۇپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.
پۈتكەندىن كېيىنكى شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا ماددىي بۇيۇم كۆرگەزمىسى، ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ جانلىق ھالىتى كۆرگەزمىسى، سۈرەت ـ يېزىق تەسۋىرى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىپ، كۆرۈرمەنلەر شىنجاڭ تۇپرىقىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مۇزىكا، ئۇسسۇل، چالغۇ ئەسۋاب، تەنتەربىيە ھەرىكىتى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاش، قول ھۈنەر ـ سەنئىتى، بايرام ئۆرپ ـ ئادىتى قاتارلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن مەدەنىيەت گۆھەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ. بۇ ساراي يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاممىنى كۆڭۈل بۆلۈشكە، قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولىدىغان تۈگۈنگە ئايلىنىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش