شىنجاڭ گېزىتى، بورتالا، 6 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «يېڭى پۇرسەتنى ئىگىلەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى» باش تېمىسىدىكى 7 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پارتىيە تاراتقۇلىرى تور بېكىتى باشلىقلار مۇنبىرى بورتالا شەھىرىدە ئېچىلدى.
ئاساسىي مۇنبەر ۋە باش تېمىلىق مۇنبەردە، مەركەز ھەم ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەردىكى پارتىيە تاراتقۇلىرى تور بېكەتلىرىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق ۋەكىل، ئالاقىدار ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى» «يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشايلى» «يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي قوللىنىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى» قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى ۋە يۇمىلاق ئۈستەل مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزدى. خەلق تورى تەتقىقات يۇرتى «2022 ـ 2023 گېزىتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۆزىتىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدىكى تاراتقۇلارنىڭ مۇھىم، زور باش تېمىلىق تەشۋىقات، خەۋەر قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي بولغان شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
پائالىيەت مەزگىلىدە يەنە «سايرام كۆلى ھەققىدە مۇھاكىمە» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، «بورتالا ـ ئالاتاۋ ـ جىڭ»دىن ئىبارەت يېڭىچە سانائەت ئالتۇن ئۈچ بۇرجىكى، «بورتالا ـ ئارشاڭ ـ سايرام كۆلى»دىن ئىبارەت مەدەنىيەت ـ ساياھەت ـ كۈتۈنۈش ئالتۇن ئۈچ بۇرجىكى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش قاتارلىق تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا چارە ـ تەدبىر كۆرسەتتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى خەلق تورى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق كومىتېتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن، خەلق گېزىتخانىسى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋاڭ فاڭجيې يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.