شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، فېڭخۇاڭ − ياجۇڭ II قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا پۈتۈن لىنىيە تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ قۇرۇلۇشتا شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يۇقىرى توك بېسىمى دەرىجىسىدىن ھالقىش مەشغۇلاتى تاماملانغان.
فېڭخۇاڭ − ياجۇڭ II قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى لىنىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ جەنۇب بىلەن شىمال ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا تەمىنلەيدىغان مۇھىم تۈگۈنى. بۇ قۇرۇلۇش 750 كىلوۋولتلۇق فېڭخۇاڭ تىرانسفورموتور پونكىتىدىن باشلىنىپ، 750 كىلوۋولتلۇق ياجۇڭ تىرانسفورموتور پونكىتىدا ئاخىرلىشىدۇ، لىنىيە ئۇزۇنلۇقى 122 كىلومېتىر بولۇپ، 2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى - سانجى ئېلېكتىر تورىنىڭ توك تەمىنلەش جەھەتتىكى ئىشەنچلىكلىكى ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئۈرۈمچى - سانجى رايونىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.
بۇ قۇرۇلۇش لىنىيەسى ئۆتىدىغان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېز، نوپۇسى زىچ، باغچا، مەنزىرە رايونلىرى كۆپ، قاتناش لىنىيەلىرى چىگىش - مۇرەككەپ. قۇرۇلۇش جەريانىدا، قۇرۇلۇش ئومۇمىي لىنىيەسى لەنجوۋ - شىنجاڭ ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريولى، G30 لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىق قاتناش غول لىنىيەلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپلا قالماي، يەنە 750 كىلوۋولت، 220 كىلوۋولت قاتارلىق ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى لىنىيەسىدىن ھالقىپ ئۆتىدۇ، ھالقىپ مەشغۇلات قىلىنغان جايدىن جەمئىي 32سى بار بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش خەۋپ - خەتىرى زور. بولۇپمۇ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى لىنىيەسىدىن ھالقىپ ئۆتۈش نۆۋەتتە شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈش ھېسابلىنىدۇ.
«بۇ قۇرۇلۇش شىنجاڭ بويىچە تۇنجى قېتىم ئوخشاش بىر دەرىجە ئىچىدىكى توققۇز توك بار لىنىيەدىن ھالقىپ ئۆتۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.» قۇرۇلۇش مۈلۈك ئىگىسى تۈر دىرېكتورى جوۋ نەن مۇنداق دېدى: 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى لىنىيەسىدىن ھالقىپ ئۆتۈشتە بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتچى خادىملار نەق مەيداندا ھالقىپ ئۆتۈشكە كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىپ توپلاپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى نۇقتىلىرىنى رەتلەپ، تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزدى، بۇ جەرياندا سىم تارتىش غالتىكى، تورلاش كۆتۈرمە ئارقىنى قاتارلىقلارغا قارىتا بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.