دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا زىيارەتتە بولدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-06-05 12:14:04

تۇنجى بېكەت قەشقەرگە كەلدى

شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 18 - قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 34 كىشى قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ، شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش سەپىرىنى رەسمىي باشلىدى.

قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى قەشقەر شەھىرىنىڭ كوناشەھەر رايونىنى قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، ھېيتگاھ مەسچىتى، كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى مىللىي چالغۇ كەنتى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنى سەيلە قىلغاندا، كوچىلار پاكىز، رەتلىك بولۇپ، ھەر خىل قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر سەيلە قىلىپ ئايلىنىۋاتاتتى، بۇ ئىناق، گۈزەل كۆرۈنۈشلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كوناشەھەر رايونىنىڭ ھەم ئەنئەنىۋى قىياپىتىنى ساقلاپ قالغانلىقى، ھەم يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقانلىقى ھەيران قالدى.

«جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ.» پەلەستىننىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مۇخاناد ئاقلۇق مۇنداق بىلدۈردى: شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق مۇھىتى ۋە تۇرمۇش شارائىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەپتۇ، ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقى داۋاملىق ساقلاپ قېلىنىپتۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسى.

500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ھېيتگاھ مەسچىتى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مەسچىتتىكى دىنىي خادىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن ھەر كۈنى بۇ يەردە دەل ۋاقتىدا ناماز ئوقۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشىدا، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ شارائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغانلىقى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا زور قولايلىق يارىتىپ بېرىلگەنلىكىنى ئىگىلىدى.

«بۇ قەدىمىي مەسچىت ناھايىتى مۇكەممەل ساقلىنىپتۇ ھەم زامانىۋى ئەسلىھە سەپلىنىپتۇ.» مىسىرنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مۇھەممەد مۇستافا ئورفى مۇنداق دېدى: بىز ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى كۆردۇق، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئامما بىللە بەختلىك، ئىناق تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ، بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدە شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆردۇق.

كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتى 150 يىلدىن ئارتۇق مىللىي چالغۇ ياساش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، ئىشلەپچىقارغان، ياسىغان چالغۇلىرى 27 چوڭ تۈر، 50 نەچچە خىلغا يېتىدۇ، شىنجاڭدىكى بارلىق ئەنئەنىۋى مىللىي چالغۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 2000 - يىلى، بۇ كەنتكە گوۋۇيۇەن «جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي چالغۇ كەنتى» دەپ نام بەرگەن، 2011 - يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى «دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك قوغداش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى» بولۇپ باھالانغان.

«جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش جەھەتتە غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ.» سۇداننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى مايمۇنا ئەخمەد خالىد مۇنداق دېدى: سۇدان جۇڭگوغا ئوخشاش 5000 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتنى قوغداشقا ئوخشاشلا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى بولۇپمۇ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش