ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2 - يىغىنى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزدى
ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2 - يىغىنى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بولۇپ 12 كىشى نۆۋەتتە داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ سوئال سورىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
«2023 - يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، كېسەل كۆرسىتىش كارتىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، <داۋالىنىش>نى يولغا قويۇپ، «تېببىي دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىپ، تېببىي دورا باھاسىنى مۇۋاپىق سەۋىيەگە قايتۇرۇپ كېلىشكە يېتەكلەش» «تەكشۈرۈش سۈپىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تەڭ دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ دەلىللەش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»... ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەم ئۇنىڭ ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتنىشىپ سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى، «بىر سوئالغا بىر جاۋاب» شەكلىدە سورالغان سوئاللارنى قوبۇل قىلدى ھەم كونكرېت ھەل قىلىش چارىسى ۋە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىيات، ئىلمىي تەپەككۇر شەكلى، كۈچلۈك مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىپىسى، يېڭى نىشانى، يېڭى تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالىتى تورىنى سىجىل پۇختىلاپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر - يېزا بىرتۇتاش پىلانلانغان، ھوقۇق - مەسئۇلىيىتى ئايدىڭ، كاپالىتى مۇۋاپىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، داۋالىنىش كاپالىتىنىڭ قانۇنچىللىق تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ داۋالىنىش كاپالىتىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت مەسىلىسى ۋە گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە بولغان پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قىدىرخان، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دىلشات سايىم، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش