دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلۇشقا باشلىدى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى فېڭخۇاڭ − ياجۇڭ II قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا پۈتۈن لىنىيە تۇتاشتۇرۇلدى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا زىيارەتتە بولدى 7 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پارتىيە تاراتقۇلىرى تور بېكىتى باشلىقلار مۇنبىرى بورتالا ئوبلاستىدا ئېچىلدى ​ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2 - يىغىنى يېپىلدى 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شاڭخەيگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-06-05 12:15:46

مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش - تۈزىتىش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، شىنجاڭنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق - پەزىلىتى ئالىيجاناب بولغان، كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى ئىستېمالنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭىچە ئىستېمالنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئىستېمال سىغىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سېلىنما قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ياسىمىچىلىق سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، خەلق تۇرمۇشى، مۇھىت قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇچۇر تورى، ھېسابلاش ئىقتىدارى قاتارلىق يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش كېرەك. كەسىپلەر توپىنى يېتىشتۈرۈپ، تەمىنات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى ۋە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «زەنجىرسىمان» سودىگەر چاقىرىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، تاشقى مەبلەغ سودىگەرلىرىنى چاقىرىشنى پائال كېڭەيتىش كېرەك. مۇھىم، زور يىغىن - كۆرگەزمە سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئەندىزىسىنى بېيىتىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى تولۇق ئۆگىنىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «بىرىنچى قول رەھبەر»نىڭ سودىگەر چاقىرىشنى تۇتۇش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دائىملاشقان ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھەر دەرىجىلىك سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش كادىرلار قوشۇنىغا ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تايانچ كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ - يۆلەپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىچكى - تاشقى سودىنى رەقەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش