دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شاڭخەيگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئىلمىي تەكشۈرۈش بويىچە ئون مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇر قۇدۇقنى بۇرغىلاش تارىم ئويمانلىقىدا باشلاندى «مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى پۇقراۋى كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچى ئارقىلىق گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇش ​بالىلارنىڭ قەلبىنى نۇرلاندۇرۇپ، كەلگۈسى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ​قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولىمىز مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 7 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى ​ۋىلايىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئىلمىي تەكشۈرۈش بويىچە ئون مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇر قۇدۇقنى بۇرغىلاش تارىم ئويمانلىقىدا باشلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-06-01 12:14:41

شىنجاڭ گېزىتى، شايار، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇ خۇا خەۋەر قىلىدۇ: «جۇڭگو نېفىتلىكىنىڭ چوڭقۇر يەر قاتلىمىلىق تاكې 1 - قۇدۇقىدا بۇرغىلاش باشلاندى!» 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 11دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە، نەق مەيداندىكى قومانداننىڭ بۇيرۇق بېرىشى بىلەن، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئىلمىي تەكشۈرۈش بويىچە ئون مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇر قۇدۇقنى بۇرغىلاش تارىم ئويمانلىقىدا گۈدۈك چېلىپ باشلاندى.

«بىز شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن ھاياجانغا چۆمگەن پەيتتە، چوڭقۇر يەر قاتلىمىلىق تاكې 1 - قۇدۇقى يەرشارىنىڭ ئون مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىدى.» جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ باش تېخنىكا مۇتەخەسسىسى ۋاڭ چۇنشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ كۈندە، جۇڭگونىڭ «چوڭقۇر ھاۋا بوشلۇقى» «چوڭقۇر يەر قاتلىمى» ساھەسى يەنە بىر قېتىم ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى، نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو نېفىتچىلىرىنىڭ ئون مىڭ مېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇرلۇققا يۈرۈش قىلىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.

11 مىڭ 100 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا لايىھەلەنگەن بۇ ئىلمىي تەكشۈرۈش قۇدۇقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىدىكى شايار ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇدۇقنى بۇرغىلاپ بولۇش مۇددىتى 457 كۈن.

«بۇ قېتىمقى 10 مىڭ مېتىر دەرىجىلىك چوڭقۇر يەر قاتلىمىدا بۇرغىلاپ تەكشۈرۈشتە ئىلمىي تەكشۈرۈش، ئالدىن تەكشۈرۈش، قۇرۇلۇش قىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت تۆت نىشان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.» جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىك شىركىتى چارلاپ تەكشۈرۈش ئىشلىرى بۆلۈمى تەيپېن رايونى تۈر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لۈ شياۋگاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: چوڭقۇر يەر قاتلىمىلىق تاكې 1 - قۇدۇقىدا يەرشارىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، يەرشارى بويىچە قۇرۇقلۇقتىكى 10 مىڭ مېتىردىن ئارتۇق تىك يۆنىلىشلىك چوڭقۇرلۇقتىكى نېفىت - تەبىئىي گازنى بايقاشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولىدىغان 10 مىڭ مېتىرلىق ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، خەلقئارالىق باشلامچى ئىختىساسلىقلار ۋە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تېخنىكا مۇلازىمەت قوشۇنى بەرپا قىلىنىدۇ.

دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان يەرشارى بويىچە تۇنجى 12 مىڭ مېتىر ئالاھىدە چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇقنى ئاپتوماتىك بۇرغىلاش ماشىنىسى بۇرغىلاش نەق مەيدانىدا كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتتى. ئادەتتىكى بۇرغىلاش ماشىنىسىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 900 توننىغا يېتىدۇ.

«بۇ بۇرغىلاش ماشىنىسى يەرشارى بويىچە ئاز ئۇچرايدىغان بۇرغىلاپ قۇدۇق قېزىشتىكى بىر قاتار ئۇنىۋېرسال قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ.» بۇرغىلاشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇن جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى غەربىي قىسىم بۇرغىلاش - چارلاش قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىجرائىيە مۇدىر پەن دېڭ مۇنداق بىلدۈردى: تارىم ئويمانلىقى سەككىز باسقۇچلۇق قۇرۇلما شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن، گېئولوگىيەلىك شارائىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، دۇنيا بويىچە بۇرغىلاپ قۇدۇق قېزىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان 13 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ئىچىدىكى يەتتە تۈردە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

10 مىڭ مېتىر دەرىجىلىك ئالاھىدە چوڭقۇر قۇدۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇرغىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تارىم نېفىتلىكى توققۇز تېخنىكا كاپالىتى گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 9000 مېتىر بۇرغىلىغاندىن كېيىن كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان قىيىن مەسىلىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ دەلىللەپ، تېخنىكا لايىھەسى ۋە ئالدىن لايىھە تەدبىرلىرىنى پۇختا ئىشلەپ، ھەر ۋاقىت «ئىشنى كۆڭلىگە پۈكۈش، كۆڭلىدە سان بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى «چوڭقۇر يەر قاتلىمى قۇرۇلۇشى»دىكى يادرولۇق تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى. 2020 - يىلى 8882 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى لۇنتەن 1 - قۇدۇقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇرغىلىنىپ، شۇ چاغدا ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى بىرىنچى چوڭقۇر قۇدۇق بولۇپ قالدى؛ بۇ يىل 3 - ئايدا 9396 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى گولې 3C قۇدۇقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇرغىلىنىپ، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭقۇر گورىزونتال قۇدۇق بولۇپ قالدى. ھازىرغىچە تارىم نېفىتلىكى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان 95 ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇرغىلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ 10 مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇر قۇدۇق قۇرۇلۇشىنى يېتەرلىك ئاساسىي شارائىت، تېخنىكا تەييارلىقى ۋە تەجرىبە جۇغلانمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش