دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شاڭخەيگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئىلمىي تەكشۈرۈش بويىچە ئون مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇر قۇدۇقنى بۇرغىلاش تارىم ئويمانلىقىدا باشلاندى «مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى پۇقراۋى كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچى ئارقىلىق گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇش ​بالىلارنىڭ قەلبىنى نۇرلاندۇرۇپ، كەلگۈسى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ​قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولىمىز مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 7 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى ​ۋىلايىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچى ئارقىلىق گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇش
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-06-01 12:27:07

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توپقان بازىرى يۇقىرىقى توپقان كەنتىنىڭ قانۇنچىللىق مەيدانىدا، كەنت ئاھالىسى مەمەت ساۋۇت مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، مەن مۇرەسسە قىلىش ئىقتىدارىمنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۈرلۈك زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىمەن.

يۇقىرىقى توپقان كەنتى ۋەزىپىسىز پارتىيە ئەزالىرىغا ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىش بويىچە باھالاش نەتىجىسىنى ھەر پەسىلدە قانۇنچىللىق مەيدانىدا ئېلان قىلىدۇ. ئونسۇ ناھىيەلىك يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 ـ شۇجى چې مىننا مۇنداق دېدى: بىز باھالاش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچەمگە سېلىشتۇرۇپ ئۆزىنى تەكشۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىمىز.

2022 ـ يىلى، خىزمەت ئەترىتى «بەشتە ياخشى» ئۆلچەملىك، قېلىپلاشقان پارتىيە ياچېيكىسى بەرپا قىلىش خىزمىتىدىن قول سېلىپ، ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەپ كەنت كادىرلىرى قوشۇنىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچنى ئۆگىنىش، ئۈچنى ئاشكارىلاش، ئۈچتە بەسلىشىش» بويىچە ئاۋانگارتلاردىن بولۇش، ئەڭ گۈزەل پارتىيە ئەزالىرىنى باھالاش، ۋەزىپىسىز پارتىيە ئەزالىرىغا ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىش بويىچە باھالاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئارقىدا قالغانلارنى ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىش، ئىلغارلارنى تېخىمۇ ئىلغار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

يۇقىرىقى توپقان كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پەرھات تۇنىياز مۇنداق دېدى: بۇلتۇر كەنت «ئىككى كومىتېت»ىمىز ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كەنت قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىگە بەش قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خەلق رايىنى تولۇق توپلاپ، ئەسلىدىكى ئۇزۇن كەنت قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىنى ئەستە تۇتۇشقا قولايلىق «ئۈچ خەتلىك دەستۇر»غا ئۆزگەرتتۇق.

«سۈپەتلىك توي قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش، سۈپەتلىك تۇغۇشنى تەكىتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش، قىز تۇغسىمۇ، ئوغۇل تۇغسىمۇ ئوخشاش كۆرۈش»... 18 جۈملە 208 خەتتە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشى ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېزا ـ كەنت ئىدارە قىلىشنىڭ چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلىرىدىن قاتناشقۇچىلىرىغا ئايلىنىشقا ئۈنۈملۈك يېتەكلىدى.

كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچى ئاستىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باش قەھرىمانلىق ئېڭى بارغانسېرى كۈچەيدى، كۆپچىلىك قائىدىگە بويسۇنۇپ، ئەھدىنامىگە رىئايە قىلىش توغرىسىدا ئاشكارا ۋەدە بېرىپ، ئۆزئارا نازارەت قىلىشتى. كەنت قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرىقى توپقان كەنتىدە قوپال باشقۇرۇشتىن ئىنچىكە ئىدارە قىلىشقا ئۆزگىرىش ئىشقا ئېشىپ، كونا قائىدە ـ يوسۇنلار ئازلىدى، مۇھىت تازىلىقى ياخشىلاندى، مەدەنىيلىك يېڭى ئىستىلىنى ھەممە جايدا ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولدى.

ھازىر، يۇقىرىقى توپقان كەنتى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ئۈلگىلىك كەنت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك گۈزەل يېزا ـ كەنت بولۇپ باھالاندى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا ئاپتونوم رايون بويىچە «بەشتە ياخشى» ئۆلچەملىك، قېلىپلاشقان پارتىيە ياچېيكىسى ئۈلگە نۇقتىسى دەپ نام بېرىلدى، كەنت ئاھالىلىرى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كەسىپلەر روناق تاپقان، كەنت گۈزەل بولغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن گۈزەل يېزا ـ كەنت بەرپا قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش