دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

​ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «1 ـ ئىيۇن»نى تەبرىكلەش باش تېمىلىق پائالىيىتىنى مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار ئۆتكۈزدى
​بالىلارنىڭ قەلبىنى نۇرلاندۇرۇپ، كەلگۈسى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-06-01 12:55:19

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «1 ـ ئىيۇن»نى خۇشال تەبرىكلەش باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى پائال ئۆتكۈزۈپ، بالىلارغا خۇشال ـ خۇرام، ئىللىق بايرام كەيپىياتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىغا چۆمۈپ، بايرام شادلىقىدىن تەڭ بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئاقسۇ چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى يېڭىئاۋات چېگرا ساقچىخانىسى خاڭجوۋ شەھىرى شاڭچېڭ رايونىنىڭ دۇڭ ئاكا، دۇڭ ھەدە خالىس ساقچىلار ئەترىتى، جياڭ جىنخەي مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق پونكىتى، جۇڭگو شىزى بىرلەشمە جەمئىيىتى جېجياڭ ۋەكىللەر ئورنى چيەنتاڭ شىفېڭ مۇلازىمەت ئەترىتى قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى ئىئانە قىلغان مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش ماددىي ئەشيالىرىنى تەۋەلىكتىكى بالىلارنىڭ قولىغا تەگكۈزۈپ، ئۇلارغا ماددىي جەھەتتىكى غەمخورلۇق ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى تەسەللىنى يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزگۈچى زاتلارنى بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇراجەت قىلىپ، بالىلارنى ئىللىق، ئىناق مۇھىتتا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى دەريا ساھىلى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى «يېڭى دەۋرگە مەدھىيە ئوقۇش، بالىلار قەلبى كەلگۈسىگە تەلپۈنۈش»نى باش تېما قىلىپ، بۇ كەنتتىكى 30 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ــ مۇزېي يۇرتى (مۇزېي)، ئاقسۇ پەن ـ تېخنىكا سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئاقسۇ قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشكە تەشكىللەپ، بالىلارنىڭ ئۇلۇغۋار پىلان رەسىم كۆرگەزمىسى، ئوقۇغان كىتابلىرىدىن ئورتاقلىشىش، مۇكاپاتلىق سوئال ـ جاۋاب قاتارلىق «1 ـ ئىيۇن»نى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. ئوقۇغۇچى گۈلزىرە تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بىز ئەجدادلارنىڭ ئىنقىلابىي روھىدىن ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتىنىمىزنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىمىز.

ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسى تۆۋەنكى گىرىشىمئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «بالىلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنۈپ ‹1 ـ ئىيۇن›نى تەبرىكلەش . مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» رەسىم سىزىش مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، 100دىن ئارتۇق كىچىك دوست قوللىرىدىكى رەسىم قەلىمى ئارقىلىق كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىشى، ئاتا ـ ئانىسىغا بولغان مىننەتدارلىقى، پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى سىزدى، باش تېمىسى روشەن، رەڭدار، كۆركەم ئەسەرلەر ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ نەزەرىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان گۈزەل كۆرۈنۈشنى نامايان قىلدى.

ئاقسۇ شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ قاراتال بازىرىنىڭ قاراڭغۇتوغراق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مۇشۇ كەنتنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت پونكىتىدا «قول تۇتۇشۇپ قەلبداش بولۇش . مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش ۋە بالىلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنۈپ ‹1 ـ ئىيۇن›نى تەبرىكلەش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئاتا ـ ئانىلار ۋە بالىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ، 40 بالىدىن ھال سورىدى، 400 پارچە كىتاب، 40 سومكا، 50 دانە سۇبوياق قەلەم، 50 دانە قەلەم قاپچۇقى قاتارلىقلارنى ئىئانە قىلىپ، بالىلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.

ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى ۋە ياردەمچى ساقچىلار قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ «بالىلار ساقچى گازارمىسىغا كىرىش . ‹1 ـ ئىيۇن›نى خۇشال تەبرىكلەش» تېمىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇھەببىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى. پائالىيەتتە، نەرسىلەرنى تۇتماي يۆتكەش، قەغەز ئىستاكان قاتلاش قاتارلىق شەكلى كۆپ خىل، قىزىقارلىق بىر ئائىلە كىشىلىرى ئويۇنى نەق مەيداننى شادلىق كۈلكىلىرىگە تولدۇردى. قاتناش ساقچىلىرى بالىلارغا قاتناش قول ئىشارىسى مەشغۇلاتىنى كۆرسىتىپ بەردى، خەلق ساقچىلىرى بالىلارنى باشلاپ تۈرلۈك ساقچى ئەسۋابلىرىنى كۆرەك قىلىپ، ئۇلارنى قاتناش بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ساقچى گازارمىسى تۇرمۇشىنى يېقىن ئارىلىقتىن چۈشىنىش ۋە ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. خەلق ساقچىلىرى بالىلارغا بايراملىق سوۋغا بېرىپ ھەم ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ، بۇ قېتىمقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇردى.

ئونسۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسىنىڭ سېغىزلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى «قۇياش نۇرى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىش، خۇشاللىق ئىچىدە پەرۋاز قىلىش» باش تېمىسىدا «1 ـ ئىيۇن» بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە «ياشانغانلار، بالىلار» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە، كۆپچىلىك بىرلىكتە 6 ـ ئايدا تۇغۇلغان ئىككى بالىغا كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ بەردى. كەنتنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەترىتى يەنە ئاتا ـ ئانىلار ۋە بالىلارغا زامانىۋى ئۇسسۇل ئويناپ بەردى، كۆپچىلىك ئويۇن كۆرگەچ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، گۈزەل دەقىقىلەرنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

ئاۋات ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن ـ تېخنىكا ئىدارىسى ناھىيەلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ «بالىلار 20 ـ قۇرۇلتايغا مەدھىيە ئوقۇش . دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يېڭى مۇساپىسىدە مەن بار» باش تېمىسىدا ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ناھىيە بويىچە ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى سەھنىگە چىقىپ ساز چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ياخشى ئەدەبىيات ـ سەنئەت ساپاسى ۋە پائال ئالغا ئىنتىلىدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

ۋىلايەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرى يۇقىرىقى تاغاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى «ئىيۇندا بالىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى قوغداش» ئۆسمۈرلەر، بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى ۋە «1 ـ ئىيۇن» بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات ـ سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بالىلارغا سومكا، قەلەم قاپچۇقى، قېرىنداش قاتارلىق ئۆگىنىش بۇيۇملىرى سوۋغا قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئىلھاملاندۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 ـ شۇجى ياڭ راڭراڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ئۆسمۈرلەر، بالىلارنى ئەدەبىيات ـ سەنئەت تالانتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش، يۇرتىنى سۆيۈش قىزغىن ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتۇق.

 يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «1 ـ ئىيۇن»نى خۇشال تەبرىكلەش باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى پائال ئۆتكۈزۈپ، بالىلارغا خۇشال ـ خۇرام، ئىللىق بايرام كەيپىياتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىغا چۆمۈپ، بايرام شادلىقىدىن تەڭ بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش