دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئالتاي مىنېرال سۈيى تۇنجى قېتىم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئېكسپورت قىلىندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-05-31 12:32:48

ئالتاي تاموژنىسىنىڭ تاموژنا خادىملىرى شىنجاڭ قار-مۇز شەھىرى مۇزلۇق سۈيى چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان مىنېرال سۇنى تەكشۈرمەكتە.

(ئىختىيارىي مۇخبىر مۇقامەت ساقابا فوتوسى)

   5-ئاينىڭ 25-كۈنى، 25.78 توننا تۆۋەن دېيتېرىيلىق مىنېرال سۇ يۈك ساندۇقى ئاپتوموبىلىغا قاچىلىنىپ، «يېشىل كارىدور» ئارقىلىق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە توشۇلدى، بۇ، ئالتاي مىنېرال سۈيىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئېكسپورت قىلىنىشى.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر تۈركۈم تۆۋەن دېيتېرىيلىق مىنېرال سۇنى ئالتاي شەھىرىدىكى شىنجاڭ قار-مۇز شەھىرى مۇزلۇق سۈيى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، ئالتاي تاغ تىزمىسىدىكى قىران دەرياسى ۋادىسىدىن چىقىدىكەن، بۇ جاي دۆلەت ئىچىدىكى تەبىئىي تۆۋەن دېيتېرىيلىق سۇدىكى «دېيتېرىي» ئەڭ تۆۋەن رايون بولۇپ، دېيتېرىينىڭ مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن، ئوتتۇرىچە قىممىتى ‰120- ئىكەن.

  سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. ئالتاي شىنجاڭنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، «شىمالىي شىنجاڭنىڭ سۇ مۇنارى» دېگەن گۈزەل نامى بار. ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ سۇ پارى ئاساسلىقى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىن، ئاز بىر قىسمى شىمالىي مۇز ئوكياندىن كېلىدۇ، سۇ پارىنىڭ ئۇزۇن ئارىلىقتىكى كېلىش مەنبەسى، بىر قەدەر تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە پايدىلىق مۇزلۇق يىغىندى قار مۇھىتى ئالتاي رايونىدىكى قار-مۇزلاردىن ئېرىگەن سۇ دېيتېرىينىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. تۆۋەن دېيتېرىيلىق سۇ يېنىك مولېكۇلىلىق سۇ بولۇپ، ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىدۇ، شۇڭا ئۇ «ئالتۇن تاغدىكى ئاجايىپ سۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. نۆۋەتتە، ئالتاي شەھىرىنىڭ دادۇڭگوۋ سۇ مەنبەسىدىكى تۆۋەن دېيتېرىيلىق سۇ خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەلا سۈپەتلىك تەبىئىي تۆۋەن دېيتېرىيلىق سۇ بايلىقىغا تەۋە بولۇپ، زور بازار تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە.

  ئالتاي تاموژنىسى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئەۋزەل، خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىشىنى قوللاش ئۈچۈن، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، تاموژنا بىلەن كارخانا ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، قاراتمىلىققا ئىگە ياردەم بېرىش-يۆلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، پۈتۈن تەرتىپ بىر گەۋدىلەشكەن «ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش شەكلى»دىكى مۇلازىمەتنى قوللىنىپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمەتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەكشۈرۈش «يېشىل يولى» ئېچىپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ تاشقى سودا پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى. (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىر لى نىڭيەن)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش