ئانار بۇلۇت خەۋىرى مۇخبىرنىڭ 2- ئاينىڭ 6- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: 2023- يىللىق ئاساسلىق كۆزلىمە نىشان− شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، 1- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى %8 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش.
(مۇخبىر لياڭ لىخۇا)